لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.05.28
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم ساقچىلارغا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ بەرمەكتە. 2021-يىلى ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرغۇن ھالىتىنى ساقلىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قايتا جانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا.

بۈگۈن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلىغان «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنىڭ 162-كۈنى بولۇپ، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە سولانغان يۈزلەرچە ئۇيغۇر بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوچۇق بىر جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى كونسۇلخانا ئالدىدىكى پائالىيەتلەردىن باشقا ھەر خىل ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىمۇ تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تاكسىم مەيدانىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىگە دەردىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.

28-ماي كۈنى تاكسىم مەسچىتىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا تۇنجى ناماز ئوقۇلغان بولۇپ، نامازغا جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. نامازغا دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېلى ئەرباش ئىماملىق قىلغان.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تاكسىم مەيدانىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ تاكسىم مەسچىتىنىڭ تۇنجى نامازغا قاتناشماقتا.  2021-يىلى ماي، ئىستانبۇل.

بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى يېزىلغان مەكتۇپنى ئەردوغاننىڭ شەخسىي قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلال ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتچىلەرنىڭ رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بىراق بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزلىرىگە نېسىپ بولمىغانلىقىنى، لېكىن مەكتۇپ تاپشۇرۇپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆرگەن خەلقىنىڭ قىزغىن پوزىتسىيەسىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، بىراق بۇ ياخشى پۇرسەتتىن قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزى تۈگىگەندىن كىيىن، مەدىنە نازىمى خانىم يۇقىرى ئاۋازدا جۇمھۇر رەئىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ساقچىلار دەرھال يىتىپ كېلىپ قانداق تەلىپى بارلىقىنى سورىغان. مەدىنە خانىم نەق مەيداندا يازغان قىسقا ئىلتىماسنى ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ساقچىلار ئىلتىماسنى ئېلىپ، جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

مەدىنە خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ قىسقا ئىلتىماسىمنىڭ جۇمھۇر رەئىسىنىڭ قولىغا تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھېچقانداق گۇناھى بولماي تۇرۇپ، تۆت يىلنىڭ ياقى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان سىڭلىم مەۋلۇدە ھىلالنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئائىلىمىزگە ۋە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە سەۋەب بۆلۈشىنى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئازابلىق كۈنلەرنىڭ تېزرەك تۈگىشىگە سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى ھەر ۋاقىت، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا قارىماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى بارغانسېرى يۇمشاۋاتقان بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىتتىپاقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پاسسىپ قىلىشى ئۆكتىچى «ئىيى»، «كېلەچەك» قاتارلىقلار پارتىيەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.