ياۋروپادىكى 5 نەپەر لاگېر شاھىتى جەنۋەدىكى ب د ت ئالدىدا بىر ھەپتە نامايىش قىلىشنى قارار قىلغان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 2018-يىلى ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىدىن بىر ئاي كېيىن، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى جاكارلاپ، خىتاينىڭ «بىزدە جازا لاگېرى دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن يالغانچىلىقى پاش قىلغان ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا يول ئاچقان ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى شۇندىن ئىتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ، بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ، يەنى 2021-يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىغا كەلگەندە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىملىك بىر دوكلات ھازىرلاپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئېلان قىلماقچى بولغان. بىراق خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبلىك ئېلان قىلالمىغان.

مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئايان بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى بەدىلىگە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قالغان. ھالبۇكى، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى «مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىنمۇ مۇھىم» دەپ قاراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ، ب د ت خادىملىرىنى ئالدايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ، مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كېلىشكەن ئىدى.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۆمەر بېكالى قاتارلىق 5 نەپەر لاگىر شاھىتلىرى دەل مۇشۇ مەسىلىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، مىشېل باچېلېتتىن 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا بىر ھەپتە نامايىش قىلىش قارارىغا كەلگەن ھەمدە بۇ جەرياندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىقتىسادقا ئۇيغۇرلارنىڭ خالىس ياردىمى ئارقىلىق ئېرىشىشنى كۆزلىگەن.

ياۋروپادىكى بۇ بەش نەپەر لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكالى بىلەن قەلبىنۇر سىدىق گوللاندىيەدە، گۇلباھار خاتىۋاجى بىلەن گۇلباھار جېلىلوۋ فرانسىيەدە، سايراگۇل ساۋۇتباي شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان بۇ نامايىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن.

لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 5 نەپەر لاگېر شاھىتىنىڭ بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ: «كېرەك بولسا، بىز ئۆزىمىز ياتقان لاگېرلارنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسسارىغا كۆرسىتىپ بېرىشكە تەييار» دېدى. گۈلباھار خاتىۋاجى: «ئەگەر مىشېل باچېلېت 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بارسا، خىتاي ب د ت خادىملىرىنى ئالداپ يولغا سېلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيىنى بار،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، گۇلباھار جېلىلوۋا ۋە قەلبىنۇر سىدىقلارمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. گۇلباھار جېلىلوۋا خانىم بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، مىشېل باچېلېت بىلەن 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بىرگە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى ئازاپ چەككەن لاگېرلارنى ئۇلارغا بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ مىشېل باچېلېت ئەگەر 5-ئايدا ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارسا، خىتاي كۆرسىتىپ بەرگەن لاگېرلارنى ئەمەس، بەلكى لاگېر شاھىتلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن لاگېرلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەقىقەتنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىشىنى ئارزۇ ھەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۆمەر بېكالى قاتارلىق 5 نەپەر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ جەنۋەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان نامايىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزغىن قوللاشقا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ نامايىشنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن بەس-بەستە ئىئانە قىلىشقا باشلىغان ۋە لاگېر شاھىتلىرىغا مەدەتلەر بېرىشكەن.