لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي: خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.10.23
tursinay-ziyawudun-passport.jpg 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردىن ھايات قۇتۇلغان ئۇيغۇر شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ پاسپورتى.
RFA/Gülchéhre

غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىن بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇ يىل 41 ياش. 2008-يىلى 6-ئايدا خالمىرزا خالىق ئىسىملىك بۇ ناھىيەدىكى قازاق دوختۇر بىلەن توي قىلغان، تۇرسۇنئاي ئېرى بىلەن بىرلىكتە 2011-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ۋە بىر ئوغۇللۇق بولغان.

گەرچە خالمىرزا قازاقىستان گىراژدانلىقىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، تۇرسۇنئاي ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن گىراژدانلىق ئىلتىماسى ئىزچىل رەت قىلىنغان. ئېرىنىڭ قازاقىستاندا ئاچقان كىچىك دوختۇرخانىسىدا سېسترالىق قىلىپ ياردەملىشىۋاتقان تۇرسۇنئاي، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغقانلىرىنى يوقلاش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ 5 يىلدىن كېيىنكى بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ پاسپورتلارنى يىغىپ، چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.

دەسلىپىدە دائىرىلەر تۇرسۇنئاينىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ 2017-يىلى، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇنى كۈنەس ناھىيەسىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان لاگېرغا قامالغان. تۇرسۇنئاي سالامەتلىكى سەۋەبلىك بىر ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغان. يولدىشى ئامالسىز قازاقىستان قايتقان.

2018-يىلى، 8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى تۇرسۇنئاي يەنە بىر قېتىم لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن يولدىشىنىڭ قازاقىستاندا توختىماي داۋا قىلىشى بىلەن شۇ يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ، پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرى بىلەن بىر قانچە ئاي ئاۋارە بولۇپ ئاخىرى پاسپورتىنى ئېلىپ ئۆتكەن ئاي قازاقىستانغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان. ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي پاسپورتىدا ۋە ئاران 3 ئايلىق ۋىزا بىلەن قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، يەنىلا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدىكەن.

تۇرسۇنئاينىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ قازاقىستاندا بەش يىل تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئۇ يەردىكى يولدىشى بىلەن دوختۇرخانا ئاچقىنى ئېرى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىشى دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ئۇنى ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلغان دائىرىلەر ئۇنىڭ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرمىگەن.

تۇرسۇنئاينىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا چەتئەلگە چىققانلىقنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا جىنايەت ئارتىشقا يېتىدىكەن. چۈنكى، ساقچىلار لاگېردا ئۇلارنى سوراق قىلغاندا ئۇلارنىڭ چەتئەلدە نېمىلەرنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىقى، قانداق تەشكىلاتلار ۋە كىشىلەرگە ئارىلاشقانلىقىنى ئاساسلىق قىستاپ سورايدىكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى ۋە شاھىت بولغانلىرىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشقا بىر قانچە قېتىم تەمشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ لاگېردا قىلغان ئامېرىكا دۈشمەنلىكى توغرىسىدا مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكادىكى مەتبۇئات ئورگىنى بولغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىككىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆگەن-بىلگەنلىرىمنى دېسەم ئىچىم توشۇپ تۇرىدۇ، مەن دەي-دېمەي بەرىبىر ئۇلارنىڭ ( خىتاينىڭ) نىشانىغا ئايلىنىپ بولدۇم، ئۇلارنىڭ ھازىر بىزگە كەچكىچە بېرىۋاتقان تەربىيەلىرى، ئاشۇ كەچكىچە دەيدىغىنىمنى شۇ مېڭىمىزغىمۇ قۇيۇپ بولدى، ئۇلار ‹ئامېرىكا ئازدۇرىدۇ، شۇلار ئازدۇرۇپ قانچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى بۇ. ۋاقتى كەلسە سىلەرنىمۇ ئۆزى تۇتۇپ بېرىدۇ بىزگە. ھەتتا رابىيە قادىرنىمۇ تۇتۇپ ئەكەپ قاماپ قويدۇق، ئۇنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈنى. . . › دېگەن. مانا ھازىر مەيەرگە كەلگەندىن كېيىن كۆردۈم نەدە ئۇنداق بولىدۇ؟. بىز ئۇ يەردە ھەممىدىن خەۋەرسىز، ئۇلار مېڭىسىنى يۇيۇپ بولدى ئوچۇقتىن ئوچۇق، مانا ئەمدى تازىلاندى دەيدۇ. دېمىسىمۇ تازىلىدى، گەپ قىلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى، گەپ قىلالمايدىغانلىرى قالدى. . .»

شاھىتلار ئېيتقاندەك خىتاينىڭ جايلاردا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىنى جىددىي ۋە سىجىل تەشكىللەۋاتقانلىقى 2016-يىلىلا پاش بولۇشقا باشلىغانىدى. دەسلەپ ئۇلار چەتئەلگە ئوقۇشقا ياكى ساياھەتكە، ھەجگە بارغانلارنى نىشان قىلىپ ئۇلارنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا يىغقان بولسا ئارقىدىن پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش» قا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي دولقۇنى داۋام قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامىدا، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىياسىي ھەرىكىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى رەسمىي باشلاندى. خىتاي بۇ سىنىپلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ كۆرسىتىپ، «كۇرسانتلارغا خىتاي تىلى ۋە قانۇنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىدىن خالى بولۇش ئۈچۈن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دەپ كەلدى.

ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ ھەر تۈرلۈك قىيىن قىستاقلار بىلەن مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن تېنىشقا، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىر قانچە لاگېر شاھىتلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرى ئارقىلىق پاش قىلىنغانىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە كىشىنى لاگېرغا قاماپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار لاگېرلاردىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بۇ بىگۇناھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ كۈلپەتلەرنى كۆرۈشىگە ئامېرىكا باشلىق خىتاينى پارچىلاش غەرىزىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، مەخسۇس تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن تەكرار ئاشكارىلانماقتا.

بۇ نۇقتا تۇرسۇنئاينىڭ بايانلىرىدا ئاشكارىلانغاندىن سىرت يەنە ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان يەنە بىر قازاق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى تەرىپىدىنمۇ بىلدۈرۈلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى-7 ئايدىن 2018-يىلى 10-ئايغىچە بىر يېرىم يىل لاگېردا يېتىش جەريانىدا، خۇددى تۇرسۇنئاي دېگەنگە ئوخشاش ئامېرىكا دۈشمەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار شۇنداق دەيدۇ، ئامېرىكا قازاقىستان، گېرمانىيە دېگەندەك 26 دۆلەت قارا تىزىملىككە كىرگۈزدۇق. ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى سىڭدۈرۈش، ھەر تۈرلۈك ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتقانلار ئامېرىكادىن، سۈرىيەدىن كىرىۋاتىدۇ. تېررورلۇق قىلىۋاتقانلار ھەممىسى ئامېرىكا گېرمانىيە دېگەندەك چەت مەملىكەتلەردىن كېلىدۇ دەيدۇ».

بىر يېرىم يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان لاگېرىدا 3 ئايدەك ياتقان زۇمرەت داۋۇت يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شتابىدا ئاچقان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرىدا تەن جازاسى، مەجبۇرىي دورا ئىچكۈزۈش ۋە تۇغماس قىلىنىش جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلىپ، گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن بۇ لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيا ئاخباراتىدا قايتىدىن دىققەت قوزغىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغانىدى. ھالبۇكى، 12-ئۆكتەبىر زۇمرەت دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالغان. ئارقىدىنلا 13-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنى سۆزلىتىپ، زۇمرەتنىڭ بايانلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر ۋىدىيو چىقارغانىدى. ئابدۇخېلىل داۋۇت ئۇ ۋىدىيودا مۇنداق دېگەن: «سىڭلىم ئەزەلدىن مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە بارمىغان، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىمۇ قىلدۇرمىغان. ئۇ بالىياتقۇ ئۆسمىسى بولۇپ قېلىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. ئامېرىكا مىنىستىرى پومپېيو ئەپەندى، سىز راست گەپ قىلسىڭىز، سىڭلىم زۇمرەت داۋۇتتىن پايدىلىنىپ يالغان گەپ توقۇمىغان بولسىڭىز، بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا دەخلى يەتكۈزمىگەن بولسىڭىز. . .»

زۇمرەت داۋۇت بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكى تەربىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان كەڭ كۆلەملىك لاگېرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئۇنىڭ ئوخشاش ئىدىيەنى ئاممىغىمۇ مەجبۇرىي تېڭىۋاتقانلىقى ھەتتا خىتاي ئۆزىنىڭ تاراتقۇلىرى ئارقىلىقمۇ ئوچۇق ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى» دەيدۇ.

زۇمرەتنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇ ئۆزى لاگېردا تۇرغان چېغىدىمۇ ئوخشاشلا دائىرىلەرنىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىگە ئۇچرىغانىكەن.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاق كومىتېتى» 2017-يىلى 31-ئاپرېل، خىتاي تاراتقۇلىرىدا «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپى زادى قانداق جاي؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تەشۋىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ ئۇنىڭدا، بۇ خىل ئاتالمىش تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەنگەنلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان تېررورلۇق ئىدىيەسىدىن يۇقۇملانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار بالنېستتا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر ئىدىيە جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار ئاممىنى ۋاقتىدا داۋالاش ئۈچۈن، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا تەسىس قىلغان تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا كىرىش ئاممىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ھەقسىز «بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش» پۇرسىتى ئىمىش.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئەيىبلەۋاتقان ھەمدە خىتاينىڭ لاگېر مەسىلىسىدە قولى بار شىركەت ۋە پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشىدەك «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى ئىدىيەسىنى» تەرغىب قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.