لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرى: «بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن بىللە بېرىشقا ھەر ۋاقىت تەييار»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.09.17
lagerdikilerning-yeqinliri-istanbul.jpg خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولغان قۇربانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە يېقىنلىرى. 2020-يىلى سېنتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Azigh

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولغان قۇربانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە يېقىنلىرى ۋىدىيولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتمەكچى بولغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئۆمىكى بىلەن بىللە بېرىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

14-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى سۆھبىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈپ تەلەپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىندا ياۋروپا رەھبەرلىرى خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭدىن خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى يۈزتۇرانە تەلەپ قىلغان.

15-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇپ چىققان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش چاقىرىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەۋەتىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدە قالغان تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى 16-سېنتەبىر يىغىلىپ ۋىدىئولۇق بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتمەكچى بولغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ئۆمىكى بىلەن بىللە بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان جەۋلان شىرمەمەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتمەكچى بولغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ھەيئىتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان، بىگۇناھ تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى. بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى بېرىپ كېلىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىزنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئاساستا بىزنىمۇ شۇ ئۆمەك بىلەن بىللە ئىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بىۋاسىتە خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىنسانلار، مەن ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئائىلەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئاپام ھازىر تۈرمىدە، دادام، ئۇكام ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭمۇ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. مەن بىللە بېرىشقا تەييار، باشقا دوستلىرىممۇ بېرىشقا تەييار. بىز خىتاينىڭ زۇلۇمىغا دۇچ كەلگەن ئىنسانلار، بىز زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي شاھىتلىرى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇل بولسا، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىللە بېرىشقا ھەر ۋاقىت تەييار.»

لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن توختىماي پائالىيەت قىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ ئەۋەتىشكە ھازىرلىنىۋاتقان بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن شەمسىيە ئېلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەكتۇپ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئائىلە يېقىنلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە سولانغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلىرى تۈركىيەدە بەزى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە توسالغۇ بولۇۋاتقان بيۇروكرات ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىدە بولماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مىرزائەخمەت ئىلياس ئەپەندىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇش ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدە بىر مىللىي قىرغىنچىلىق بار. مىللىي قىرغىنچىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۈركىيەدىكى بىزگە ئوخشاش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، رايوندىكى قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىۋاتقان بارلىق پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشىنى ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئېتنىك قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تۈرك قېرىنداشلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە بىلدۈرۈشتە بىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يوليورۇق چۈشۈرۈپ بىزگە ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان، زۇلۇمنى پاش قىلىۋاتقانلارغا پائالىيەت ئىلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

7-ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن، ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىمى بېسىلغان مايكىسى تەتۈر كىيدۈرۈلگەن ۋە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى، 6-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا 50 تەك ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.