پىچاندىكى بىر مەھەللىدىن ۋە قەشقەردىكى توققۇزتاش ئاھالىلەر كومىتېتىدىن 3 تىن كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سىم تىكەن بىلەن ئورالغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ كۆزىتىش مۇنارى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
سىم تىكەن بىلەن ئورالغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ كۆزىتىش مۇنارى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
REUTERS

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر ۋە پىچانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، پىچاننىڭ لۈكچۈن بازار مۇقام كەنتىدىكى 1-مەھەللىدىنلا ئابدۇرېھىم ئابلىز قاتارلىق 3 كىشىنىڭ؛ قەشقەر شەھىرىنىڭ مەرھابا كوچا باشقارمىسىدىكى توققۇزتاش ئاھالىلەر كومىتېتىدىنلا يۇنۇس قارى قاتارلىق 3 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.  

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ سىرلىرى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان نۇقتا، بۇ لاگېردا ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانى ۋە ئۇنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى كۈچلۈك ئاخبارات چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە، جەسەتنى ئائىلىسىگە بەرمەسلىك، بەرگەن تەقدىردە مېيىتنى ئائىلە ئەزالىرىغا كۆرسەتمەسلىك ۋە نەزىر ئۆتكۈزۈشكە قويماسلىق ۋە ياكى نەزىرىگە كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى چەكلەش قاتارلىق يوللار بىلەن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جەمئىيەتتىن ۋە ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا. شۇڭا بىز تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ھەر دەرىجىلىك خادىملاردىن بۇ سىر ئۈستىدىمۇ مەلۇماتلار سورىدۇق.

22-ئۆكتەبىر كۈنى پىچان لەمجىندىكى غالىپجان ئەخمەتنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، پىچاننىڭ لۈكچۈن بازار مۇقام كەنتىدىكى بىر مەھەللىدىنلا 3 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. تېخنىكىلىق توسالغۇ سەۋەبىدىن بۇ مەھەللە باشلىقى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، بازارلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار خادىمىدىن، مۇقام كەنت 1 ‏-مەھەللىدىكى لاگېردا ئۆلگەن كىشىنىڭ كىملىكىنى سورىدۇق. بۇ خادىممۇ، بۇ مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. مۇقام كەنت سېكرېتارى لاگېردا ئۈچ كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا پارتىيەگە ئىشىنىش ھەققىدە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنىڭ 80 ياشقا يېقىنلاشقان تۆمۈر پاسار دېگەن كىشى ئىكەنلىكى، قالغان ئىككىسىنىڭ بولسا 40 ۋە 50 ياشلاردىكى ئابدۇرېھىم ئابلىز ۋە ئەنۋەر زىياۋۇدۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، قەشقەردىكى لاگېردا جان ئۈزگەن ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بىر ئاۋاز خاتىرىسىدە ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى، قىزى ئايتۇرسۇن ئۆلگەن ئايدا، ئۆزلىرى تەۋە بولغان مەرھابا كوچا باشقارمىسىنىڭ توققۇزتاش ئاھالىلەر كومىتېتىدىنلا، قىزى بىلەن قاتقاندا 3 كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتىنى چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ قالغان ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ 40 ياشلار چامىسىدىكى يۇنۇس قارى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان؛ يەنە بىرىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن، ئەمما 25 ياشلار چامىسىدىكى تېخى توي قىلمىغان بىر ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى بىر مەھەللىدىن 3 كىشى لاگېردا ئۆلگەن لۈكچۈن بازىرىدا 60 تىن ئارتۇق مەھەللە، 32مىڭ ئەتراپىدا نوپۇس مەۋجۇتتۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت