لاگېردىن چىققان 3 پارچە سالام خەت

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.08.19
lager-lagerdin-chiqqan-xet-1.jpg

مۇھەررەمنىڭ تۇرپاندىكى ئۆز بوۋىسى مومىسى، ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ لاگېردىن ئائىلىسىگە چىقارغان سالام خېتى. Muherrem teminligen

lager-lagerdin-chiqqan-xet-2.jpg

مۇھەررەمنىڭ تۇرپاندىكى ئۆز بوۋىسى مومىسى، ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ لاگېردىن ئائىلىسىگە چىقارغان سالام خېتى. Muherrem teminligen

lager-lagerdin-chiqqan-xet-3.jpg

مۇھەررەمنىڭ تۇرپاندىكى ئۆز بوۋىسى مومىسى، ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ لاگېردىن ئائىلىسىگە چىقارغان سالام خېتى. Muherrem teminligen

lager-lagerdin-chiqqan-xet-4.jpg

مۇھەررەمنىڭ تۇرپاندىكى ئۆز بوۋىسى مومىسى، ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ لاگېردىن ئائىلىسىگە چىقارغان سالام خېتى. Muherrem teminligen

lager-lagerdin-chiqqan-xet-5.jpg

مۇھەررەمنىڭ تۇرپاندىكى ئۆز بوۋىسى مومىسى، ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ لاگېردىن ئائىلىسىگە چىقارغان سالام خېتى. Muherrem teminligen

ياپونىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھەررەم مۇھەممەدئېلى، 2018-يىلى 10-11-ئايلاردا، كىچىك تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتكەن 3 پارچە خەتنىڭ سۈرەتكە تارتىلغان نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، بۇ خەتلەر ئىش قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، قەغەزنىڭ بېشىغا «ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خەت ۋە ئەسەرلىرى» دېگەنلەر يېزىلغان. خەتنىڭ ماۋزۇسى، كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى، خەت يازغۇچىنىڭ ئادرېسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار خىتايچە ئەسكەرتىلگەن. بۇ خەتلەر لاگېردىكى 3 ئادەمنىڭ ئائىلىسىگە يازغان سالام خەتلىرى بولۇپ، بىرى مۇھەررەمنىڭ بوۋىسى مۇھەممەت ئىسمائىل 75 ياش، 2-خەت مۇھەررەمنىڭ مومىسى ئايشەمخان ياسىن، يەنە بىرى تاغىسى مەخمۇت مەمەتتىن كەلگەن خەتلەر ئىكەن.

مۇھەررەمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتقىنى، خەتنىڭ بىرىدىكى «ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى» دېگەن ئىمزاسىدۇر. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن خەتلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا لاگېرلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن. مۇھەررەم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئائىلىسىگە چىقىرىلغان بۇ خەتلەرنى لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنىڭ ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ مېڭە يۇيۇشقا ۋە باشقىلارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنىڭمۇ بىر قىممەتلىك ماددىي ئىسپاتى دەپ چۈشىنىپ، مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لاگېرلارنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ مەكتەپتىكى بۇ كۇرسانتلارغا مېھرى-شەپقىتىنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا دۆلەت تىلى، قانۇن ساۋاتىنىڭ ئاشقانلىقى قاتارلىقلار بۇ بىر ئائىلىدىكى 3 كىشىنىڭ سالام خەتلىرىدىكى ئورتاق نۇقتىلار بولۇپ، مۇھەررەمنىڭ بوۋىسى ۋە تاغىسىنىڭ خېتى ئۆزلىرىنىڭ پوچېركىسىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىلغان. ھالبۇكى مومىسىنىڭ خېتى خىتايچە يېزىلغان.

مۇھەررەم خىتاي تىلى بىلمەيدىغان مومىسىنىڭ «بىر قانچە ئايدا خىتايچە سالام خەت يازغۇدەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ بۇ خەتنىڭ «باشقا بىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىدا شەك يوق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

مۇھەررەمنىڭ بوۋىسى مۇھەممەت ئىسمائىل مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇپ تۇرپان تەۋەسىدە ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر، دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە قارىتىپ يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاۋۋال ئۇ ئۆزىنى «مەن ئاددىي دېھقان» دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى «تارقاق ھەج قىلغان، قانۇنسىز دىن ئۆگەنگەن» دېگەن ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە بىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بۇ مەكتەپ ئارقىلىق كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە مەكتەپ شارائىتلىرى ۋە، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ماختايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتكە قايتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇھەررەمنىڭ مومىسى ئايشەمخان سالام خەتتە ئۆزىنىڭ 1993-يىلى ھەج قىلغانلىقىنى جىنايەت دەپ ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئۇ «تارقاق ھەج قىلغانلىق جىنايىتىم ئۈچۈن ئەسلى قانۇن بويىچە 5 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىم كېرەك ئىدى، خاتالىقىمنى تونۇغانلىقىم ئۈچۈن پارتىيە-ھۆكۈمەت ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ بۇ مەكتەپكە ئېلىپ كېلىپتۇ دەپ ئۆزىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، مەن ياخشى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە قايتىمەن» دەپ پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ ۋە ئاخىرىدا «پارتىيە-ھۆكۈمەت» كە تەشەككۈر ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇمايدۇ.

مۇھەررەمنىڭ تاغىسى مەخمۇت مەمەتنىڭ خېتى ئايالىغا قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇ خەتتە ئۆزىنىڭ 30 يىل مۇقەددەم ئائىلىدە دىنىي بىلىم ئالغانلىقىنى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇمۇ ئالدىنقى ئىككى خەتكە ئوخشاش ۋەدىلەرنى ۋە مىننەتدارلىقلارنى تەكرارلايدۇ.

ئىلگىرى رادىيومىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلار، ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا خىتايچە ئۆگىنىشكە، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشكە ئوخشاش روھىي جەھەتتىن خورلاش ۋە مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى. نۆۋەتتە، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى خەتلەردە تەسۋىرلەنگىنىدەك ئۆزىنى جىنايەتچى، قارا قورساق ۋە ياكى نادان دەپ كەمسىتىپ تۇرۇپ، ئائىلىسىگە قارىتىپ يازغان بۇ خەتلەر، لاگېردىكىلەرنىڭ ئاتالمىش گۇناھ ياكى جىنايەتلىرىنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، سالام خەت ياكى ئەسەر يېزىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك پسىخىكىلىق قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتىكەن.

مۇھەررەم مۇھەممەدئېلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۆز ئاتىسى ۋە بوۋا ۋە مومىلىرى، تاغىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ 12 كىشىنىڭ لاگېردا ۋە تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. يېقىندا ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىنى «شاھىت بىز» تورىدا ئېلان قىلغان. بۇ ئۇچۇرلار كېيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان. ھالبۇكى لاگېردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرى ۋە يۇقىرىقى 3 پارچە سالام خەتنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن كىچىك تاغىسى «شىنجاڭ ئالتۇن كۆۋرۈك ساياھەت شىركىتى» تۇرپان تارماق شىركىتىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ئابدۇراخمان مەمەت 11-ئىيۇل كۈنى ساقچىغا چاقىرتىلىپ كېتىلگەن، شۇنىڭدىن بۇيان مۇھەررەمنىڭ مەزكۇر تاغىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. مۇھەررەم كېيىن تونۇشلار ئارقىلىق تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ 20-ئىيۇلدا تۇرپان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.