كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «لاگېرلارنى تاقاش» ھەرىكىتى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.24
HRW-Close-Xinjiang-Camps.jpg خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 23-ماي كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقا» خەشتەگى بىلەن ھەرىكەت قوزغىدى.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، تارىختىكى ناتسىستلار يولغا قويغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى قايتا جانلاندۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشتى.

ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىيەچى ھەر ئىككى پارتىيىدىن تەركىب تاپقان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرەپ-تەرەپتىن لاگېرلارنى يولغا قويۇشقا قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلدى. 

بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا دىققەت تارتىشتا ئىنتايىن ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتكەن ئورگانلاردىن بولغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 23-ماي كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقا» خەشتەگى بىلەن ھەرىكەت قوزغىغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفى رىچاردسوننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەسىلىگە يەنىمۇ كۆپ دىققەت قوزغاشنى مەقسەت قىلغان. سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھازىر رامىزاننى نورمال ئۆتكۈزەلمەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ سىياسىي تەربىيە لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بىز رامزان مەزگىلىدە بۇ مەسىلىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە يەنە بىر قېتىم سېلىشنى مەقسەت قىلدۇق» دەپ تەكىتلىدى. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر پائالىيىتى ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور سەھىپىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، تور بەتتىكى مەزمۇنلار ئىنگلىزچە، خىتايچە، ئەرەبچە ۋە فىرانسۇزچە 4 خىل تىل بويىچە تارقىتىلغان. تور بەتكە قويۇلغان چاقىرىقلارنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 

«ھازىر رامزان مەزگىلى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئىسلامنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى 13 مىليون مۇسۇلمان خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان جاسارەتكە كېلەمدۇ؟»

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدىكەن. سوفى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇمۇ «شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقا» خەشتەگى بىلەن ھەرىكەت قوزغاشتىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەن. سوفى خانىم سۆزىدە «بىز بۇ ھەرىكەت بىلەن كەڭ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىگە بېسىم ھاسىل قىلىشنى ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز» دېدى. 

مەزكۇر سەھىپىگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇ يەردىكى لاگېرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر قىسقا فىلىممۇ قويۇلغان بولۇپ، فىلىمدە قازاقىستانلىق لاگېر شاھىتى قايرات سامارقاند ۋە يەنە بىر ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئايال شاھىتنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە سوفى رىچاردسوننىڭ سۆزلىرى قويۇلغان. 

قايرات سامارقاند خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى پەقەت خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتلىكىنى بايان قىلغان. سوفى رىچاردسون ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر لاگېر ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە كۆپ پەرق قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەزكۇر ئىنتېرنېت ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شۆبە ئىشخانىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، كەڭ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا بارلىق تور قوللانغۇچىلارنى بۇ ھەرىكەتنى قوللاشقا ۋە بۇ ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان. 

سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتنى ئازايتىش، لاگېرلارنى تاقاش ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتى بىلەن سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيە تەرەپتىن زور قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئادەتتە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدىن زور ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، ئوخشاش ئەھۋالنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىمۇ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.