لىتۋا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.05.20
لىتۋا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇدى لىتۋا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ جاكارلىدى. 2021-يىلى 20-ماي.
Yettesu

لىتۋا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لىتۋا پارلامېنتى مۇتلەق يوقىرى ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئىتىراپ قىلغان.

لىتۋا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قاراردا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. لىتۋا پارلامېنتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، قانۇنسىز ئىچكىي ئەزا سودىسىغا خاتىمە بېرىش، بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىش ھەمدە لاگېرلارنى تېزدىن تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ قارارنى كەسكىن قوللىغان لىتۋا پارلامېنت ئەزاسى دوۋىل ساكالىئېن مۇنداق دېگەن: «بىز دېموكراتىيەنى قوللايمىز، چۈنكى بىز 50 يىل كوممۇنىزمنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاشتەك رەھىمسىز تارىخنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز.»

لىتۋادىكى LRT تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئاپرىلدا خىتاينىڭ لىتۋادىكى ئەلچىخانىسى لىتۋا پارلامېنتىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش لايىھەسى سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى دوۋېل ساكالېن بىلەن بۇ لايىھەنى قوللىغان باشقا پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، بېسىم ئىشلەتكەن.

لىتۋا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ قارارغا «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر تارىختا سوۋېت كوممۇنىزمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشى خىتاينى چۆچۈتىدۇ، دەپ قاراشماقتا.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايدىغان بىر ۋەزىيەت.»

لىتۋا پارلامىنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگىلىيە پارلامېنتى، كانادا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان بەشىنجى دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ قالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «لىتىۋانىڭ ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى ئېتىراپ قىلىشى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى،» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تەتقىقاتچىلار، لاگېر شاھىتلىرى ختاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارنى قۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلغان ئىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «لىتۋا خىتايغا قارشى تۇرالىغۇدەك كۈچلۈك بىر دۆلەت بولمىسىمۇ، ئەمما كوممۇنىزمنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغان بولغاچقا خىتايدەك بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، 1940-يىلى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە قاتارلىق قوشلىرى بىلەن بىرلىكتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ۋە كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىنى يەتكۈچە تارتقان. لىتۋا 1990-يىلى 11-مارت كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لىتۋا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە دۇنيادىكى مۇستەبىتلىككە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەھدىتىگە قارشى مەيدانى ئەڭ مۇستەھكەم بىر دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.