2022-يىلى 4-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىغانلىقى ھەققىدىكى سىن خەۋەرلىرى كۆپەيگەن.
ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ياكى خىتاي ساياھەتچىلىرى نامىدا تارقىتىلغان بۇ خىل سىن فىلىملىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي كەلگەندىن بۇيان، «ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىكار قىلىنىپ، ئازادە مۇھىت يارىتىلغانلىقى»، «كەچلىك بازارلار كۆپلەپ ئېچىلىپ، قاينام-تاشقىنلىق مۇھىت شەكىللەنگەنلىكى» كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي، 17-يانۋار ئاچقان ئۇيغۇر رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىرى يىغىنى ۋە ۋە 19-يانۋار ئاچقان سىاسىي-قانۇن ساھەدىكىلەر يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ يۇمشىغانلىقىغا دائىر خەۋەر ۋە سىن فىلىملىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاسىيە خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ ئاساسي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئەھۋال دۇنياغا ئاشكارىلانغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەقىقى ۋەزىيەتنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدا ئىكەن.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە ما شىڭرۇينىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاچقان ئۇيغۇر رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىرى يىغىنى بىلەن سىاسىي-قانۇن ساھەدىكىلەر يىغىنىدا، مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىكنى رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەشۋىقات فىلىملىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ يۇمشىغانلىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارىتا خەلقئارادا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان چوقانلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە ئۆز سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خەلقئارا بېسىملار سەۋەپلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە جازا ئېلان قىلىنغان، چېن چۈەنگوغا ئوخشاش بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويۇشتەك ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان ما شىڭرۇيمۇ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۇمشىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.