ئالماتا مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.06.30
Almata-Muzika-Mektiwi.jpg ئالماتا مۇزىكا مەكتىپى ئۇچۇمكارلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى، 2017-يىل ئالماتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە بىر نەچچە ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى مىڭلىغان ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرىنى تەييارلاپ چىقىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالماتا مۇزىكا مەكتىپىدىن يېقىندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچۇم بولدى.

چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالماتا مۇزىكا مەكتىپى قازاقىستاندىكى تۇنجى مۇزىكا مەكتىپى بولۇپ، 1931-يىلى ئېچىلغان. قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق سەنئەت ئەربابلىرى ئېركېغالى راخمادىيېف، غەزىز دۇگاشېف، گالىنا چۇمبالوۋا، قۇددۇس غوجامياروف، يېرمېك سېركېبايېف، ئالىبېك دنىشېف ۋە باشقىلار مەزكۇر مەكتەپنى تاماملىغان ئىدى. 1982-يىلى قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، مەزكۇر دەرگاھتا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇ يەردىن مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرىدا ئوينايدىغان ئونلىغان تالانتلىق سەنئەتچىلەر يېتىلىپ چىقتى. ئۇلار ھازىر قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيىلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا، سەنئەت ستۇدىيىلىرىدە، مەكتەپلەردە ۋە باشقىمۇ جايلاردا ئىشلەپ، قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

شۇلارنىڭ بىرى سابىرجان ماناشېف مەزكۇر ئوقۇش ئورنىنى 2001-يىلى تاماملاپ، شۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىياتىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، مىللىي سەنئەت ئۆمەكلىرى دائىم كەسپىي سازەندىلەرگە، ناخشىچىلارغا، ئۇسسۇلچىلارغا، كومپوزىتورلارغا ۋە باشقىمۇ كەسىپ ئىگىلىرىگە موھتاج بولۇپ كەلگەن. بۇ يىل ئالتە بالا ئوقۇشنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى، ئاتاپ ئېيتقاندا، مېھرات رەخمەتجان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئالماتادىكى قۇرمانغازى نامىدىكى قازاق مىللىي كونسېرۋاتورىيىسىگە، ئىكرەمجان لوخمانوف بولسا، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيىسىگە ئوقۇشقا چۈشمەكچى.
س. ماناشېف ئالماتا مۇزىكا مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە بەش خىل مىللىي چالغۇ ئەسۋاپ تېمبىر، راۋاب، باس راۋاب، غېجەك، نەيدىن دەرس ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. 1982-يىلى ئېچىلغاندىن بېرى، تۆرت يىلدا بىر قېتىم قوبۇل قىلغان ئىكەن. ئۇ يىلى 15 بالىنى ئالغان بولسا، ئۇلار پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇنچىلىك بالا ئالغان. ئەمما 1986-يىلنىڭ بۇ يېقىدىن باشلاپ بالىلار ھەر يىلى ئېلىنىدىغان بولدى. سانى ھەر خىل: ئۈچ، تۆرت، بەش بالا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر بۆلۈمىدە جەمئىي 15 بالا ئوقۇيدۇ. بۆلۈمدە "دوستلۇق" ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار ئانسامبىلى بار.»  

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى يىللىرى قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەر خېلى قويۇقلاشماقتا. قازاقىستاننىڭ قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيىلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا، ئەمدى ئۇيغۇر ئېلى سەنئەتچىلىرى بولسا، بىر نەچچە قېتىم قازاقىستاندا بولدى. بۇ جەرياندا ئىككى مەملىكەت سەنئەتچىلىرى ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، شۇنداقلا قازاقىستانلىق ياش سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داڭلىق ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپ قايتقان ئىدى. س. ماناشېفمۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ باي دۇردانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا توپلانغانلىقىنى، ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. س. ماناشېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر سەنئەت مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم ئازاد بۇرھانوف چوڭ تۆھپە قوشقا ئىدى. ئا. بۇرھانوف شەخسەن ئۆزى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنى ئارىلاپ، تالانتلىق بالىلارنى تاللاپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا بىلىمىنى، تەجرىبىسىنى بەرگەن. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، قۇرمانغازى نامىدىكى قازاق مىللىي كونسېرۋاتورىيىسىنىڭ پروفېسسورى جالغاسبېك ئېگېندىكوف مەزكۇر مۇزىكا مەكتىپىدە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغانلىقىنى ھەم بۇ يەردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سابىرجان ماناشېف ياش مۇئەللىم بولغىنى بىلەن ئون يىلدىن ئاشتى، ياخشى ئۇستاز دەرىجىسىگە يەتتى. ئۇ كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەييارلىدى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، سابىرجان بىر نەچچە ئەسۋاپتىن دەرس بېرىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئىشىنى يۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ مەكتىپىمىزدە ئۆزىگە خاس ئورنى بار. ئىككىنچىدىن، ياخشى ئۇستاز بولۇشتىن تاشقىرى، مۇشۇ مەكتەپ دائىرىسىدە باشقىمۇ ئىشلارنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شاگىرتلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. سابىرجاننىڭ دىرىژورلۇق قابىلىيىتىمۇ يوق ئەمەس. شۇ قابىلىيىتىنى داۋام قىلىپ، ماگىستىرلىقنى ئوقۇۋالسا دەيمەن. ئومۇمەن ھازىر قازاقىستان بويىچە دىرىژورلۇق ئاز ئۇچرايدىغان كەسىپ. ئۇيغۇر ئەسۋاپلىرىغىمۇ دىرىژور كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سابىرجانغا بۇ ئىشتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالماتادىكى ژۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيىسىدە 1988-يىلى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، سەھنە ئارتىسلىرىنى تەييارلىغان ئىدى. مەزكۇر بۆلۈم ھەر يىلى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىياتىرى رەھبەرلىكىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، بۇ يەردە بىر نەچچە قېتىم بۆلۈم ئىشى قولغا ئېلىنىپ، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر يېتىلىپ چىقتى. ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.