ھىدايەتۇللا كۆكتۈرك: «ئۆلسەم ئەجدادىمنىڭ ئايىغىدا ياتاي دەپ باردىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.05.11
Urumchi-2016-Yanwar-01.jpeg ئۈرۈمچى. 2016-يىلى، يانۋار.
RFA/Abduweli Ayup

تۈركىيەدە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى ئۇنۇتمىغانلىقىدىكى سىرلار ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا ھىدايەتۇللا كۆكتۈرك بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا تۈركچە دەرس بېرىۋاتقان ئىكەن. زىيارەتتە ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ 2016-يىلى 17-يانۋاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يىگىرمە كۈنلۈك زىيارەتتە بولغاندا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ھىدايەتۇللا كۆكتۈرك گەرچە ئۆزى سىياسەت بىلەن ئالاقىسىز بىر مائارىپچى بولسىمۇ دادىسى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە ئانىسى نۇرئەلا كۆكتۈرك ئۇيغۇر داۋاسىغا ھاياتىنى بېغىشلىغان كىشىلەر ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىگە يولغا چىققاندا ھېچ كىم ئۇنىڭ بېرىشىغا قوشۇلمىغان ۋە تۈرلۈك قورقۇنچلۇق سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. ھالبۇكى، ۋەتەن مېھرىنى قەلبىگە تاڭغان ھىدايەتۇللا: «ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ باراي، ئۆلسەم ئەجدادلارنىڭ ئايىغىدا ياتارمەن»، دېگەن جاسارەت بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان.

«ئىككىلىمىز ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىگە ئاشىق»

ھىدايەتۇللا ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە يولدا نۇرغۇن كامېرالارنى كۆرگەن، كوچىلارنى قاپلىغان ھەربىي ماشىنىلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئەتىسى سەھەردە ساقچىلارنىڭ مالال قىلىشىغا ئۇچرىغان. مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا بەش سائەت كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان. ھىدايەتۇللا كۈتۈلمىگەن يەردىن چىقىپ، ئۇنى دوستۇم دەپ ئاتىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى بىر قىزغا ئوخشىتىپ؛ «دوستۇم، ئىككىلىمىز بۇ ۋەتەنگە ئاشىق، ھېچ بىرىمىز ئۇنى دەپسەندە قىلمايمىز، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ بەرمەيمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر بالىلار «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» نى قۇتقۇزدى

ھىدايەتۇللا ساقچىلارنىڭ مالال قىلىشىدىن خالى بولغان بىر كۈنى بىر قانچە سائەت تاكسىدا ئۈرۈمچىنى ئايلانغان. ئۇ رادىئودا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە بالىلار دراممىسىدا بىر توپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ دانىيەگە بېرىپ، سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاقنى قۇتقۇزغانلىق ھېكايىسىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن.

«ئۇيغۇر ئېزىلسىمۇ ئېگىلمىگەن مىللەت»

ھىدايەتۇللا كۆكتۈرك كۆرگەن مۇھەببەت، مېھماندوستلۇق، مەردلىك ۋە چىدامچانلىق ھەققىدە توختىلىپ، ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەن، مىللەت ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەنلا ئىپادە قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرىنى خۇلاسىلەپ، «ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى تارىختا ئېزىلگىنى، ئېزىلىۋاتقىنى راست، لېكىن ھېچ بىر زامان باش ئەگكەن، ئېگىلگەن مىللەت ئەمەس»، دېدى.

ھىدايەتۇللا كۆكتۈركنىڭ ئانىسى نۇرئەلا كۆكتۈرك ۋە دادىسى ھامىت كۆكتۈرك 1962-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىزچىل ئۇيغۇر داۋاسىغا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ھىدايەتۇللا كۆكتۈرك 1977-يىلى قەيسەرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىلاھىيەت كەسپىدە ئوقۇغان ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىر ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا تۈركچە دەرس ئۆتۈش بىلەن مەشغۇل.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.