ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى ۋە ئالىي مائارىپتىكى رايون تەكشىسىزلىكى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.08.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-maarip-1920-yilliri-jughrapiye-305.png شىۋېت مىسسىئونېرلىرى تەرىپىدىن قەشقەردە ئېچىلغان مەكتەپنىڭ يوقۇرى يىللىقىدا «جۇغراپىيە» دەرسى ئاڭلاۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، 1920-يىللار (مەنبە: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپى)
RFA/Qutlan


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالىي مائارىپىدا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىدا ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايون تەكشىسىزلىكى نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

ئىلگىرى بىر قىسىم ئاممىۋىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جەنۇبنى بىر ئىزدا تاشلاپ قويۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستراتېگىيەسى تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ بارغان. 1980 - يىللاردىن بۇيان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ پەقەت تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرگىلا مەركەزلىشىشى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار نۇقتىلىق ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىن باشقا بىرەرمۇ رەسمىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەسىس قىلىنماسلىقى بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىدىكى ئەمەلىي پەرقنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئەمەس، بەلكى 1950 - يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدىكى ئىچكى ئورۇنلاشتۇرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەزىلەت خانىمنىڭ ئىگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسى شىمالدىكى شەھەرلەرگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، مائارىپنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بىرقانچىلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىدىكى ئىچكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە جەنۇبتا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىن باشقا ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەر تەسىس قىلىنمىغان.

يىپەك قۇرتىنى مىكروسكوپ بىلەن كۈزىتىۋاتقان سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقۇرى يىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى، 1947-يىل ئۈرۈمچى (مەنبە: «تىيانشان رەسىملىك مەجمۇئەسى»، نەنجىڭ، 1947-يىللىق 3-سان)
يىپەك قۇرتىنى مىكروسكوپ بىلەن كۈزىتىۋاتقان سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقۇرى يىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى، 1947-يىل ئۈرۈمچى (مەنبە: «تىيانشان رەسىملىك مەجمۇئەسى»، نەنجىڭ، 1947-يىللىق 3-سان)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبنى تاشلاپ شىمالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەرلىكنى بېسىپ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى يۆلەش سىياسىتى 1950 - يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون تەكشىسىزلىكىدە روشەن كۆرۈلگەن. پەزىلەت خانىم بۇ نۇقتىنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىغا سالغان مەبلىغىدىكى روشەن پەرقلەر بىلەن دەلىللىدى.

پەزىلەت خانىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون تەكشىسىزلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇتلەق ھالدا خىتاي ئاھالىسى كۆپ ئولتۇراقلاشقان شىمالدا بولۇشى سەۋەبلىك، جەنۇبتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىي مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشىنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.