ئاتاۋۇللا ئەپەندى: «بالىلار دىنىمىزنى ئۇيغۇرچە ئۆگەنسۇن!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.01.03
ana-til-turkiye-uyghur.jpg ئۇيغۇر بالىلار ژۇرنىلىنى ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈر. 2017-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Abduweli Ayup

نۆۋەتتە تۈركىيەدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدرىسە مائارىپىدا ئەرەب تىلىغا مۇھەببەت باغلاپ، ئانا تىلغا سەل قارىلىۋاتقان ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 2017-يىلدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئانا تىلدا ئۇيغۇر بالىلار ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ يېڭىلىقنى 2012-يىلدىن ئېتىبارەن ئانا تىلدا ئۈنكىتاپ ۋە سىنتەخسىلەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ ژۇرنالنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدە باش مۇھەررىر «بالىلىرىمىز دىنىمىزنى يات تىلدا، باشقا مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن كىتابلاردىن ئۆگەنسە ئۇيغۇرغا ۋە ئىنسانىيەتكە مۇھەببەتلىك ئەۋلاد بولالمايدۇ. ئۇلارنى ئۇيغۇر بولسۇن، تۇزىمىزنى يەپ باشقا خەلق، يات دۆلەت ۋە يات ئىدېئولوگىيەلەرگە خىزمەت قىلمىسۇن دېسەك، ئۇلارغا دىنىمىزنى ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەي بولمايدۇ، » دېدى.

«ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنى ئېتىقادى خىرىسقا دۇچ كەلگەن، ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلارغا ئانا تىلىدا ئېتىقاد تەربىيەسى بېرىش مۇمكىن بولماي كېلىۋاتقان پەيتتە خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن. ئۇلار مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنى تەشكىللەپ تۈرلۈك مەزمۇندىكى سىنلار، ئاۋازلىق كىتابلار ۋە مەخسۇس بالىلار فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقاندىن باشقا 2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ «سىيرەت» دېگەن نامدا بالىلارغا ئاتالغان ئۇيغۇرچە ژۇرنال چىقارغان.

«سىيرەت» ژۇرنىلى ئەسلى ئىستانبۇلغا جايلاشقان سىيرەت ۋەقپىدىن چىقىرىلىپ كېلىۋاتقان كۆپ تىللىق ژۇرنال بولۇپ، «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى روياپقا چىقارغان. بۇ ھەقتە ژۇرنالنى نەشر قىلدۇرغۇچى ئۆلىما ئاتاۋۇللا فەقىرۇللا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، مارامارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى. ئۇ خىزمىتىدىن سىرت پىدائىيلىق بىلەن ژۇرنال چىقىرىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭچە، مەزكۇر ژۇرنال نەشر قىلىنىش جەريانىدا مالىيە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆز دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى قەدىرلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەتكارلىقى بىلەن ھەل بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭچە ژۇرنالدىكى لايىھە، مەزمۇن ۋە رەڭلەرگە قەدەر بالىلارغا يېقىشلىق قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، مەزكۇر بالىلار ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىلىشىدا ساننىڭ ئاشمايۋاتقانلىقى، ژۇرنالنىڭ چوڭلارنىڭ قولىدا قېلىپ بالىلارنىڭ قولىغا يېتىپ بارالمايۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلىدىن ۋە پاكىز دىلىدىن ئورۇن ئالالمايۋاتقانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەن. ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئاتا-ئانىلار، تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆلىمالاردا سەنئەت ھەققىدە رەت قىلىش پىكىرلىرى كۆرۈلۈۋاتقان، بولۇپمۇ رەسىم سەنئىتىگە بولغان قارشىلىق خېلىلا كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رەسىملىك بولۇپ نەشرىدىن چىقىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر يېڭىلىق دەپ قارالماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى ژۇرنالدا رەسىملەرنىڭ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر بالىلارنى تۈرلۈك ئۇسلۇبلاردىكى رەسىملەرنى سىزىشقا ۋە ژۇرنالنىڭ مەخسۇس بالىلار رەسىم ئىجادىيىتى سەھىپىسىگە ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسە مەزكۇر ژۇرنالنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىجادىيەت سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى بار ئىكەن. ھازىرچە ژۇرنال تۈركچىدىن تەرجىمە ۋە تۈرك بالىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن چىقىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ئەگەر تىراژى بەش يۈزگە يەتسە بۇ بېقىندى ھالەتتىن قۇتۇلۇش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر بالىلارغا دىن ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان مەدرىسىلەر مەۋجۇت. بۇنداق مەدىرىسلەردىن مەزكۇر ژۇرنالغا تەلەپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى، ژۇرنالنىڭ بالىلارغا دىن ئۆگىتىشتە ياردەمچە بولغان-بولمىغانلىقى، دەرسلىك سۈپىتىدە قوللىنىلغان -قوللىنىلمىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىمىزغا ئاتاۋۇللا ئەپەندى بىرمۇ-بىر جاۋاب بەردى.

«سىيرەت» ژۇرنىلى ھەققىدە ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر دادىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر ژۇرنالغا مۇشتەرى بولغاندىن كېيىن ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى، بالىلارنىڭ خۇشاللىقلىرى ھەققىدەئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ «سىيرەت» ژۇرنىلىنىڭ بالىلاردا مۇنچە ئالقىشلىق بولالىشىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭچە، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ چوڭلارغا خاس دىنى چەشەنچىلىرىنى بالىلارغا يادىلىتىپ تاڭلماي، ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس مۇسۇلمان بولۇشىغا يول قويماقچى، مەدەت بەرمەكچى بولسا «سىرەت» ژۇرنىلى ئەڭ ياخشى قوللانما بولالايدىكەن. چۈنكى ژۇرنالدىكى رەسىم، قوشاق ۋە قىزىقارلىق ئويۇنلار ئارقىلىق بوغۇنلار ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا مۇسۇلمانلىق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدىكەن ۋە بىر ئۇيغۇر بالا بىلىشى كېرەك بولغان ئىسلامى بىلىملەردىن خەۋەردار بولالايدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوقۇيدىغان ئوماق ئۇيغۇرئاي مەزكۇر ژۇرنالنى ياقتۇرۇپ قالغاندىكى سەۋەبلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاداشلىرى بىلەن دوست بولغۇسى بار ئىكەن.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئاتاۋۇللا ئەپەندىمدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ژۇرنال ھەققىدە كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە سوئال سورىدۇق. ئۇ سوئاللىرىمىزغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى.

«سىيرەت» ژۇرنىلىنى نەشر قىلدۇرغان «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» 2012-يىلى تۈركىيەدە ياشايدىغان ۋە ئوقۇۋاتقان بىر بۆلۈك زىيالىيلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان دىنىي، ئىلمىي، ئەدەبىي ۋە ئەخلاقى تېمىلاردا چىققان ئاۋازلىق ئەسەرلەر، فىلىملار ۋە ماقالىلەرنى تارقىتىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە «ھەزرىتى ئۆمەر» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچىسى جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا نائىل بولغان. بۇ گۇرۇپپا يەنە «ئەۋلاد ئەپ دېتالى»، «قۇرئان كېرىم» دېتالى ۋە مەخسۇس بالىلارغا ئاتالغان سىنلار بىلەنمۇ تونۇلۇپ كەلمەكتە ئىكەن. مەزكۇر گۇرۇپپا ھازىر «ئەۋلاد» ۋە «ئۇيغۇركىتاپ» دېگەن توربەتنى ماڭدۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.