ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان «تەۋپىق مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش رەسمىي باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.09.27
Tewpiq-Mukapati-turkiyede-oqush.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان «تەۋپىق مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش ئۇقتۇرۇشى.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە باكالاۋر، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلغان مەمەت ئېلى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىي باشلاندى.

مەزكۇر مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىرىنچىدىن، چوقۇم تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بولۇشى، ئىككىنچىدىن ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولۇشى، ئۈچىنچىدىن مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ھەرىكەتلەردە بولۇشى شەرت ئىكەن.

بىز بۇ مۇكاپات ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇخەمىت قاراخان ئەپەندى، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇخەمىت قاراخان ئەپەندى ئىككى يىلدىن بېرى تارقىتىلىۋاتقان تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرى، سوممىسى ۋە ئوقۇغۇچى سانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى كۈچەيتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بېرىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەت ئېلى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن 2014-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە 17 ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن. بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوننى تاللاپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.