قىرغىزىستاندىكى «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق ئۇيغۇر ياشلار توپى «بىلىم ئويۇنى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.08.06
Qirghizistan-Yahsliq-Awazi-Zehin-Sinash-2018-01.jpg قىرغىزىستاندىكى «ياشلىق ئاۋازى» ياشلار توپى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئېرىشكەن «ئوتتۇز ئوغۇل» توپىدىكىلەر. 2018-يىلى 5-ئاۋغۇست. بىشكەك، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

5-ئاۋغۇست كۈنى بىشكەك شەھىرىدە «بىلىم گېيىم» يەنى «بىلىم ئويۇنى» دەپ ئاتالغان ئىنتېللېكتۇال ئويۇنى ئۆتتى. بۇ پائالىيەت «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق ئۇيغۇر ياشلار توپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

«بىلىم ئويۇنى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ياشلار سەككىز تۈر بويىچە بىلىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار لوگىكىلىق تەپەككۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئۆمۈر-ھاياتى، قىرغىزىستان تارىخى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە، تېبابەت، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تېخنولوگىيەلىك ئىلىملەرگە چېتىلغان. مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر تۈر 10 سوئالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

«ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەزاسى ئادىلجان بۇ ئويۇننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «‹ياشلىق ئاۋازى› ناملىق بۇ بىلىم ئويۇننى ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئويۇننىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر جەھەتلەردىكى بىلىملىرىنى تولۇقلاش ۋە تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يوق بولغاچقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، تارىخىمىزنى مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق قولىمىزدىن كېلىشىچە ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشىۋاتىمىز.»
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە باھالىغۇچى بولغان تېببىي ئىلىملەر دوختۇرى رەشىدەم ئەبەيدۇللايىۋا بۇ خىل مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتىنى جانلاندۇرۇپ، بىلىم-دائىرىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن تەربىيەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئويۇن بىزنىڭ ياشلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ، نېمىشقا دېسەڭلار، ھاياتتا ئىنسان ھەر جەھەتتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك. مېدىتسىنا، تارىخ ۋە باشقىمۇ بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش كېرەك. ئىنشائاللا، كېلەچەكتە بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن ئالىملار چىقسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى، مىللىتىنىڭ بېشىدىن كۆچۈرگەنلىرىنى بىلسۇن. ئادەم بالىسى تىنماي ئويلىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. ھايات شۇنچە قىممەتلىك، دۇنيا شۇنچە چەكسىز، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقىل ئاتا قىلدى. بىر ھەدىستە ‹ئىلىم ئىزدەش-پەرزدۇر› دېيىلگەن. شۇڭا ھەر بىر ئىنسان بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى، تىنىمسىز تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. مەن ئويلايمەنكى، بۇ خىل پائالىيەتلەر كۆپرەك بولسا، ياش بالىلار قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ۋە تونۇشىنى ئۆستۈرسە، ئېنىقكى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.»

مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 7 توپ قاتناشتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توپلىرىغا نام بېرىپ، ئەقىل-ئۆتكۈرلىكلىرىنى كۆرسىتىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئوتتۇز ئوغۇل»، «قەدىناس»، «سەۋر»، «خوتەن» ۋە باشقا تۈرلۈك ناملاردىكى توپلار ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى. ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۇلار بۇ ئويۇنلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ئىككىنچى ئويۇنغا، يەنى 5-ئاۋغۇستتىكى رەسمىي مۇسابىقىگە دوست-بۇرادەرلىرىنى دەۋەت قىلىشقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كىتاب ۋە ئىنتېرنېتتىن كۆپلىگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئىزدەپ، خېلى تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

«بىلىم ئويۇنى» غا قاتناشقان «ئوتتۇز ئوغۇل» توپىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئويۇندىن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز دوستلىرىمىز بىلەن بۇ ئويۇنغا ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىۋاتىمىز، توپىمىزنى ‹ئوتتۇز ئوغۇل› دەپ ئاتىدۇق، بۇ ئويۇن بىزگە كۆپ بىلىملەرنى بەردى. بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم سوئاللار تەييارلىنىپتۇ، بىزمۇ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ نەتىجىگە ئېرىشىمىز دەپ ئۈمىد قىلدۇق. قانداقلا بولمىسۇن، بىز بۇ ئويۇن جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا كۆپ يېڭىلىقلارنى ئۆگەندۇق. مەن بىزنىڭ توپىمىز نامىدىن ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمەن.»

«بىلىم ئويۇنى» غا ئىككىنچى قېتىم باھالىغۇچى قاتارىدا قاتناشقان نوۋوپوكروۋكا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پەرىدە نىزامىدىنوۋا بۇ قېتىملىق بىلىم مۇسابىقىسىنىڭ سوئاللىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى: «بىلىم ئويۇنى ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ ئويۇنغا قاتناشقان بالىلارنىڭ بىلىملىرىنى سىناش ئۈچۈن ھەر ساھەلەرگە دائىر سوئاللار چىقىرىلىپتۇ. بىرىنچى قېتىملىق بىلىم مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرساق، بۈگۈن بالىلار بەك ياخشى تەييارلىنىپ كېلىشىپتۇ. ھازىرقى سوئاللارمۇ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ئېغىرراق چىقىرىلىپتۇ. ئەمما بالىلارنىڭ تەييارلىقىمۇ ياخشى بوپتۇ، سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىشىۋاتىدۇ. بىر مىسال كەلتۈرسەم، ‹ھەدە› دېگەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ئاتالغۇسىنى ئىلى ۋادىسىدا ‹ھەدە› دەيدۇ، باشقۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ‹ئاچا› دەيدۇ، ئۇنداقتا، تۇرپاندا قانداق ئاتىشىدۇ دېگەن سوئال بېرىلدى. بۇ سوئالغا ئويۇنغا قاتناشقان بىر-ئىككى توپ توغرا جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ بالىلار ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ كەپتۇ. بۇ ئويۇن بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا نېمە بېرىدۇ دېسەك، بىرىنچىدىن، تىلىمىزنى ساقلايمىز، ئىككىنچىدىن مىللىي تارىخىمىزنى ئۆگىنىمىز. مېنىڭچە، بۇ خىل بىلىم ئويۇنلىرى بالىلىرىمىزنى باشقا بىر ياقتىن تەربىيەلەيدۇ. بۇرۇن بىز رېستوران-كافېلاردا يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساق، بۈگۈن بالىلىرىمىز تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بىلىم ئۆگىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ چوڭ بىر ئۇتۇق، مەن ئۆز نامىمدىن بۇ قېتىملىق بىلىم مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى بالىلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

«بىلىم ئويۇنى» مۇسابىقىسى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولسىمۇ، بارلىق قاتناشقۇچىلار يۇقىرى كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ بېرىلگەن سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىشتى. ئويۇننىڭ نەتىجىسىدە «ئوتتۇز ئوغۇل» توپى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، «سەۋر» ۋە «قەدىناس» توپلىرى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

«ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەزالىرى كېلەچەكتىكى بىلىم ئويۇنغا پەقەت بىشكەك شەھىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە قارابالتا، ئوش، توقماق قاتارلىق شەھەرلەردىنمۇ ئۇيغۇر ياشلار توپلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى پىلان قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.