ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-02-25
قوش تىل مائارىپى، دەپ ئاتالغان، ئەمما خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دىلى، تىلى، ئەقلى، پسىخىكىسى ۋە باشقا جەھەتلىرىدە پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرى ئاتا-ئانا ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە.
2014-02-25
ئانا تىلنى قوغداش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىن فىرانسىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىملىق پائالىيەت سەپىرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
2014-02-24
ئۇيغۇر ئانا تىلى جىددىي بىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىرغان ئىدى.
2014-02-23
«دۇنيا ئانا - تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 22 - فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىگە قاراشلىق تېنىستا رايوننىڭ كۈتۈپخانا پائالىيەت زالىدا «ياشلار ئانا - تىل جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قالايلى» دېگەن ماۋزۇدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-21
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قەدىرلەپ، پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردا ئانا تىلى مەكىتىپى ئېچىپ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە.
2014-02-21
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، شۋېتسىيەدە قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى 2007 - يىلى 6 - ئايدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، مەكتەپ ھەر شەنبە كۇنى ئەتىگەن سائەت 10:00دىن 14:00گىچە دەرس ئۆتىدۇ. مەكتەپ شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىكى تەسىس قىلغان.
2014-02-21
ئۇيغۇرلار 1984 - يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەگە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن كېلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان كەسپلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانماقتا.
2014-02-20
2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن دۇنيا ئانا تىلى كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى.
2014-02-19
يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە دۇچ كەلدى. بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇرلاردا مىللەت ۋە تىل كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنى» مەيدانغا كەلتۈردى.
2014-02-17
ئانا تىلنى قوغداش ۋە جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان پىداكارلارنىڭ قۇربانلىقلىرى بەدىلىگە كەلگەن «خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» ھارپىسىدا، سىياسەتچىلەر ئارىسىدا باياننامىلەر ۋە نامايىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر جانلانسا، زىيالىيلار ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قانات يايماقتا.
2014-02-14
د ئۇ ق 2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پۈتۈن ياۋروپادىكى تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.
2014-02-13
ئالماتا شەھىرىدە ياشايدىغان 87 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى 1946 - 1948 - يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىدى.
2014-02-13
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلنى قانداق ساقلاپ قېلىش ۋە ئەۋلادلارغا قايسى خىل ئۇسۇللار بىلەن ئانا تىلغا بولغان قىزغىنلىقنى ئاشۇرۇش، بالىلارغا ئانا تىلنى ئىشلىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
2014-02-11
ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىقلارنىڭ نامەلۇم تەقدىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا.