ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ دىققىتىگە
2013.04.09
تۈركىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان.
تۈركىيىنىڭ 2013-يىللىق ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى مۇدىرى مۇرات ئورخۇننىڭ ئېيتىشىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋالىرى بويىچە تىزىملاتقانلارنىڭ ئىلتىماسلىرىنى باھالاش خىزمىتى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىكەن. باھالاش جەريانىدا، تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى، تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تولۇق ۋە توغرا تاپشۇرغانلىقى ۋە ئوقۇش نەتىجىلىرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسلىنىپ، شەرتلەرگە توشقان مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئۈچۈن تەكلىپنامە، تىزىملاتقۇچىلارنىڭ تىزىملاتقان ۋاقىتتا ئىشلەتكەن ئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتىلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇرات ئورخۇننىڭ ئېيتىشىچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەر خىل قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما، 4-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 5-ئاينىڭ باشلىرىدا يۈزتۇرانە ئىمتىھانى ئېلىش پىلانلانماقتا.
تۈركىيىگە كېلىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلار مەخسۇس چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئىمتىھانى ئالىدۇ. بۇ ئىمتىھاننى ئالمايدىغان، ئەمما چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار، باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نەتىجىلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ئىمتىھانلارغا تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن:
مۇرات ئورخۇننىڭ مەلۇمات بېرىشىچە:
- سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتىن نەچچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ؟
- ئۆز ۋەتىنىڭىزدە ئالغان ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟، ئەگەر ئېتىراپ قىلسا، نومۇر سىزىقى نەچچە؟
- سىز ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالسىڭىز، سىزگە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرەمدۇ؟ ئەگەر بەرسە، بۇ مۇكاپات، نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
- ئوقۇش پۇلى قانچىلىك؟ ياتاق شارائىتلىرى قانداق؟
- مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن ياخشى ئوقۇپ، نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز، سىزدىن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرىۋەتەمدۇ ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇللىرى بېرەمدۇ؟
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى مەسئۇلى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.