ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى بۈگۈن باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.03.30
yashlarni-terbiyelesh-3.jpg ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 29-مارت، بىريۇسسېل.
RFA/Ekrem

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.

مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن 50 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى 29-مارت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقان ئىدى. بۈگۈن 30-مارت سائەت 9:00 دا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ چېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

بۈگۈنكى بۇ يىغىندا تۇنجى بولۇپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىئونا خانىم بۇ كۇرىسقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ياشلار ئارىسىدا راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. سائەت9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان بۇ پائالىيەتتە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟»، «بۇ نۆۋەت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ناملىق يىغىندىن رازى بولدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئوز ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بەس-بەستە تەكىتلەشتى.

فىئونا خانىمنىڭ راي سىناش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سائەت 10:00 دىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى پىررې ھېگاي ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ب د ت نىڭ خىزمەت مېخانىزمنى» دېگەن تېمىدا 3 سائەت دەرس ئۆتتى. بۇ دەرستە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۈرلۈك كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى، ب د ت غا سۇنۇلىدىغان دوكلاتلارنى ھازىرلاشنىڭ 6 تۈرلۈك قائىدە-پرىنسىپلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. دەرستىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى نەق مەيداندا پراكتىكىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت غا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 30 مىنۇت ئىچىدە سىناق دوكلات ھازىرلاتقۇزدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) خادىمى لۇسىيا پارروچى خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك كۈنسېرى ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىش ھەم خىتايغا بېسىم بولىدىغان ئۈنۈملۈك قارارلار ئالدۇرۇش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

سائەت 15:00-18:00 دا ئامىستېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلوتتە ھىللە «خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدا 3 سائەت دەرس ئۆتتى.

بۈگۈنكى بۇ كۇرستا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدى. چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىنى سوراپ بىلدى. كۇرس ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا، ھەر بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئوز ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش ئىرادىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بىز بۈگۈنكى كۇرس خاتىمىسىدە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۇرستىن ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىنى بىلىشكە تېرىشتۇق. ئامېرىكىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى زۇبەيرە خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

31-مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىدا يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر دەرس سۆزلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.