ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلارغا ماھارەت ئۆستۈرۈش ۋە دوستلۇق ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.05.07
yash-aktiplar-alim-seyitof.jpg ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوف 10-نۆۋەتلىك ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا سۆزلىمەكتە. 2015-يىلى 7-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

د ئۇ ق نىڭ 10-نۆۋەتلىك ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ۋاشىنگتونغا يىغىلغان 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرى بۈگۈن ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ بىناسىدا، «ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سىمۋولى»، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە داۋا ئېلىپ بېرىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە تاكتىكىلىرى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشنىڭ تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيىلىرى»، «تىبەتلەرنىڭ داۋا يولىدىكى تەجرىبىلىرى» دېگەندەك تېمىلاردا نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى مۇنازىرىلىشىش، سوئال سوراش، تەقلىدى پراكتىكىلارنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جانلىق شەكىللەردە ئۆگەندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش كۇرسانتلار، مەزكۇر كۇرسنىڭ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت سىستېمىلىرى قۇرۇلمىسى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلار بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىپ يوللىرىنى ئىگىلەش ھەمدە پائالىيەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە قىممەتلىك پۇرسەت بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش غايىدىكى ياشلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىدا بىر كۆۋرۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرى بۈگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ياردەمدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خىزمەت بىناسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەسىپلىشىشىدە زۆرۈر بولغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خەلقئارا قانۇنلار قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلىنىش دەرسلىرىنى ئالماقتا.

كۇرسقا قاتناشقان ياش ئاكتىپلار، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن باشقا، كانادا، تۈركىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 17 ياشتىن 25 ياش ئەتراپىدىكى قىز ئوغۇللاردىن تەشكىل تاپتى.

بۇ خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ، رەھبەرلىك ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر كۇرسنىڭ بۈگۈنكى بىرىنچى دەرسى «بوستانلىق كىملىكلىرى: خىتاينىڭ يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، دوكتور جۇستىن رۇدەلسون ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ئۆملۈكىنىڭ سىمۋولى» تېمىدىكى دەرسلىكىدىن باشلاندى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان قۇرغان ئىمپېرىيە ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈكىگە سىمۋول بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەجدادلىرى قۇرغان ئىمپېراتورلۇقلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن پاراللېل دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

كۇرسانتلار يەنە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوفلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تەرتىپلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىندى ۋە قىزىقارلىق تەقلىدىي پراكتىكىلارنى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكىدا شۇنداقلا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى ھۆكۈمەتلەردە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئىستراتىگىيەلىرى ئۈستىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۈگۈنكى كۇرس ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن 6 گىچە داۋام قىلدى. بىز تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بىر قانچە كۇرسانتلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ مەزكۇر كۇرستىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سورىدۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەش ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياش ئاكتىپلارنىڭ يېتىلىشىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا بولغان ھەۋەس ۋە بۈگۈنكىدەك ئاساسىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشتىن تەجرىبىلەردىن باشقا يەنە پائالىيەتنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىشقا بولغان پسىخىكا تەييارلىقنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۇرسانتلارنىڭ پائالىيەت پروگراممىلىرى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خىزمەت بىناسىدا يەنە بىر كۈن داۋام قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.