خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى تەكرار ئۆزگەرتىش كويىدىمۇ؟ (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.06.21
uyghur-yeziqi-islahat.jpg خىتاي تاراتقۇسىدا يېزىق ساھەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر يېزىق ئىسلاھاتىغا پىكىر» دىكى ئۇيغۇر كونا يېزىق ھەرپلىرىنىڭ لاتىنچىدا ئىشلىتىلىشى.
Social Media

يېقىندا خىتاي باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇلاردا تىل، يېزىق ساھەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇر نامىدىن «ئۇيغۇر يېزىق ئىسلاھاتىغا پىكىر» ئېلان قىلىندى ۋە بۇ ماقالىدىكى «كونا يېزىقنى تاشلاپ يېڭى يېزىققا كۆچۈش» تەشەببۇسى ئۇيغۇرلاردا مۇنازىرىگە مەيدان ھازىرلىدى. بۇ تەشەببۇستا ئاشكارا ھالدا، ئۇيغۇرلار لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچكەندە قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پانتۈركىزم ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىدەك سىياسىي مەقسەتلەر روشەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەقتە مەيدانغا كەلگەن مۇنازىرە ۋە ئىنكاسلاردا بەزى زىيالىيلار «لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش پايدىلىق، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان تۈركى مىللەتلەر ۋە باشقىلار بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى شارائىتىنى ھازىرلايدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ۋە كۆزەتكۈچىلەر: «بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بولغان تەقدىردىمۇ، شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولۇشى كېرەك، ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرى بىلەن يېزىق ئۆزگەرتىش ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ زور مەدەنىيەت كرىزىسىغا پاتۇرىدۇ» دېگەن پىكىرلەردە بولماقتا.

«كونا يېزىقنى تاشلاپ يېڭى يېزىققا كۆچۈش» توغرىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قانچە نۆۋەت پىكىر ئىختىلاپلىرى تەكرارلانغان ئىدى، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئەرەب ئېلىپبەسى شەكلىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ ھوقۇقلۇق يېزىق شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىپ كېلىۋاتقان يېزىق. گەرچە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ماسلىشىش يۈزىسىدىن 2001-2003 يىللىرى ئارىسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق يېڭىدىن بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى تۈزۈپ چىقىلىپ، بۇ يېزىق ھازىر ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، يېقىندا يەنە كادىر ھىمىت ئىسىملىك تۇرپان شەھەرلىك پوچتا تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ كادىرىنىڭ، ئۆلچەملىشىپ بولغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا تەكرار ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈپ، بۇ خىل يېڭى لايىھەدىكى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىشى ئىنكاس پەيدا قىلدى. نۇرغۇن ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۇيغۇر لاتىن يېزىق ئېلىپبەسى 10 نەچچە يىل ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى تىلشۇناسلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېھتىياجغا ئۇيغۇن ھالدا قىسمەن ئىشلىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە نېمە ئۈچۈن باشقا بىر يېزىققا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، دەپ تەئەججۈپلۈك سوئاللار پەيدا قىلغان.

بۇ تېمىغا فېيسبوكتا بىر زىيالىي «ئۇ ئاداش ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى مەن پەقەتلا ياخشى كۆرمىدىم. ئۇيغۇر يېزىقىنى زامان تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدۇ دېگىنىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرمىدىم. زامانغا ماسلىشىش-ماسلاشماسلىق يېزىقنىڭ ئىشى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى زامانغا ماسلاشتۇرىدىغان ھەق-ھوقۇقىمىز بولمىسا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنساق، قايسى يېزىقنى ئىشلىتىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھامان زامانغا ماسلىشالمايمىز. يەھۇدىيلار يەككە-يېگانە ئۆزگىچە يېزىق بىلەن زامانغا قانداق ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە مۇنازىرىگە قاتناشقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يازارلىرىدىن كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى «ئۇيغۇرلار ئەگەر بۈگۈن بولمىسا ھامان بىر كۈنى بەرىبىر لاتىن يېزىقىغا كۆچىدۇ...دۇنياۋى يۈزلىنىشلەردىن ھەرقانداق بىر مىللەت قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. دۇنياغا، ئەتراپىڭلارغا ۋە بۈگۈنكى بىچارە ھالىڭىزغا بىر قاراپ پىكىر قىلىڭلار. ھېس-ھاياجان بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار... ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كەتمىسۇن دېسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچكىنى ياخشى....باشقا چارە ھازىرچە يوق!..» دېگەندەك ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرىنى بايان قىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر زىيالىي رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكرىنى يوللاپ «ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئېلىپبەسى ئۆزگەرتىپ لاتىن ئېلىپبەسى قوللىنىش ئۇيغۇرلار قورققاندەك شۇنچە ۋەھىمىلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تەرەققىياتى ئۈچۈن زادى قانچىلىك زىيان ئېلىپ كۈلىدۇ؟ بۇ تەشەببۇسىنى بىر شەخسنىڭ ئۈندىدارلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ئىپادە قىلامدۇ؟ ياق. مېنىڭچە، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئەرەب يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى، ئاخبارات ۋە يېزىق ئارقىلىق باشقا تۈركى مىللەتلەر بىلەن يېقىنلاشماسلىقى ئۈچۈن بىر پايدىلىق قورال. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار ئۆزگەرتىمىز دېسىمۇ، خىتاي ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. بۇنداق سىياسىينى چۈشىنىش كېرەك. خىتاي ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشىنى خالايدۇ، بۇ ئارقىلىق خىتاي مۇنداق مەقسەتكە يەتمەكچى، ئۇيغۇرلار دۇنيادىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولماسلىقى كېرەك، تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن تىل پەرقى يىراق تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر تىلىغا ئۇ تىللاردىن كىرىدىغان تۈركچە سۆزلەرنىڭ كىرىش قەدىمى ئاجىزلايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار بىلەن يازما ئالاقىسى ئازلايدۇ، تۈركچە مىدىيا ئوقۇلمايدۇ، ئۇيغۇر تىلى يېتىم پىتى قىلىۋېرىدۇ» دەپ يازغان.

ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان بۇ تېما ھەققىدە بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى، يېزىقشۇناس قۇربان ۋەلى ئەپەندى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى : «ھازىرغىچە ئۇيغۇرنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش كۆپرەك سىياسىي ئېھتىياجلار بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ھازىرقى لاتىن يېزىقى ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىدۇ، تېخىمۇ قۇلاي. ئەمما، بۇنى دەپلا ئۆزگەرتىش نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەبىئىي تاللاش بولۇشى، تەبىئىي ئومۇملىشىشى كېرەك، يامىنى بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش، دىندىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي غالچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. يېزىق ئۆزگەرتىش ھۆكۈمەت مەقسەتلىرى بىلەن بولسا بۇ بىر پاجىئە. بىز بۇ خىل ھۆكۈمەت ئېھتىياجى بىلەن يېزىق ئۆزگەرتىشلەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم كۆردۇق، ئەگەر زامانغا لايىق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزگەرتمىگەندە بۇمۇ ئوخشاش مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى بولسا : «خىتاينىڭ بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش تەشەببۇسى ئەگەر دەۋرگە ماسلىشىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، خىتاي ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتسۇن. لېكىن بۇ يەردىكى گەپ، بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئىشغالىيەتچى بىر مىللەت ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟ ھازىر بۇنى بىر مىللەتنىڭ يېزىقى ئۇنىڭ دىنى ۋە ئىدېئولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئۆزگەرتىش بىر بىمەنىلىك ۋە خەلقئارادىمۇ بىر جىنايەت. خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆزگەرتىمەن دېگىنىدە سىياسىي سەۋەب بولغان ئىكەن، شۇڭا بىزمۇ ھازىر ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ كەينىدىمۇ يەنە سىياسىي سەۋەب بولۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.