ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى: «دوكتور نىجات سوپى مەكتەپتىن قوغلاندى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.10.08
Ili-Pidagogika-Inistitoti-Mektep-derwazisi.jpg ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەكتەپ دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقانلار.
Ili pédagogika instituti amanliq bölümining tor bétidin élin’ghan bwc.ylsy.edu.cn

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نىجات سوپىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى خىتاينىڭ جاز لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.

دوكتور نىجات سوپىنى يېقىندىن بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نىجات سوپى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىن، يەنى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غۇلجىدىكى ئۆگىنىش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇلتۇر يىل ئاخىرى مەكتەپتىكى نىجات سوپى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ يىل يېڭى يىلدىن كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان دوكتور نىجات سوپىمۇ بار ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولدى، بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. »

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە دوكتور نىجات سوپىنىڭ ئىسمىنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەكتەپ قوغداش باشقارمىسىنىڭ بىر خىتاي خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ، دوكتور نىجات سوپىنىڭ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما بۇ خادىم تېلېفوننىڭ ئامېرىكىدىن ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دوكتور نىجات سوپىنىڭ نېمە سەۋەبتىن مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردىكى جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

دوكتور نىجات سوپى ھەققىدە گوگۇل ئامبىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نىجات سوپى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور مەدەنىيىتى ۋە تارانچى شېۋىسىگە دائىر چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان مۇھىم ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئىزاھلاپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن.

نىجات سوپىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت مەزگىلىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەينۇرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكتور نىجات سوپى 2012-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە دوكتور نىجات سوپىنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئىككى ئەسىرىمۇ ئۇنىڭ 2011-يىلدىن 2012-يىلى ئارىلىقىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ 6 ئاي تۇرغان مەزگىلىدە تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، نىجات سوپىنى يېقىندىن بىلىدىغان بىر دوستىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى نىجات سوپىنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكتور نىجات سوپى غۇلجىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1985-يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1990-يىلدىن باشلاپ دەسلەپ تېكەس ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ يۆتكەلگەن. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان. 2004-يىلى ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەلىپى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ بىر مەزگىل ئىشلىگەن. كېيىنچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا كېلىپ، ئۇستازى ئارسلان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان.

نىجات سوپىنىڭ ئۇستازى پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللامۇ دەل نىجات سوپى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن قوغلانغان مەزگىللەردە، يەنى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پروفېسسور ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.