ئۇيغۇريار فوندى «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا بالىلار كۆرىكى ئۆتكۈزمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.10.20
Uyghuryar-fondi-torbeti.jpg «ئۇيغۇريار فوندى» توربېتىنىڭ باشبېتى.
Photo: RFA

كۈنىمىزدە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تەرەققىيات مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قولايلىقلار ئېلىپ كەلدى.

يېقىندا «ئۇيغۇريار فوندى» باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈندۈزاي ماھمۇت خانىم، كانادا تورونتودا تۇرۇۋاتقان ئادالەت خانىم ۋە نورۋېگىيەدىكى گۈلنار خانىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋاتساپ توپى» قۇرۇلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈندۇزاي ماھمۇت خانىم ئۇيغۇر تىلى پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى پىششىق ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

«ئۇيغۇريار فوندى» يەنى ئۇيغۇر ھەمكارلىشىش فوندىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆزى سىزغان رەسىم، ياسىغان ئەۋرىشكە، ئانا تىلدا يازغان ئەسەرلەر، ياكى يازغان شېئىر، ھېكايىلەرنى بۇ توپقا ئەۋەتىپ، تەڭتۇشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىدۇ، ئۆزئارا تونۇشۇۋاتىدۇ.»

باتۇر قاراخانلى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى قوللاش ۋە تېخىمۇ جانلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا بالىلار كۆرىكى ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى، 3 ياشتىن 13 ياشقىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

باتۇر قاراخانلى ئەپەندى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى 11 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت باھالاپ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇكاپات تارقىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كۈندۇزاي ماھمۇت خانىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئىچىدە كۆپ ساندا تالانتلىق بالىلارنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ماسلىشىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋاھىت ئەپەندى چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

«ئۇيغۇريار فوندى» 2016-يىلى 10-ئايدا مەرىپەتپەرۋەر 7 ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان. مىسىردىن تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن 62 ئوقۇغۇچىغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن. مەزكۇر ياردەم پائالىيىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.