چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساختا ماقالە ياقلاپ ئىلمىي ئۇنۋان ئالغانلىقى پاش بولماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.02.27
chen-quanguo-chen-chuengo-2.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو قوراللىق كۈچلەرنى زىيارەت قىلماقتا.
ts.cn

19-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ تورىدا خىتايدا تونۇلغان كىنو ئارتىسى چى تيەنلىڭنىڭ مەزكۇر ئىنستىتۇتتا 2018-يىللىق دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ياقلىغان دىسېرتاتسىيەسىدە ساختىلىق ئىشلەتكىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى چېن خاۋنىڭ دوكتور ئاسپېرانتى تەربىيەلەش سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇنازىرىلەر ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم خىتاي ئەمەلدارلىرىدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان ساختىلىقىغا مەركەزلەشتى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 27-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيەسىدىكى ساختىلىقلار» سەرلەۋھەلىك ماقالىدا خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاتالمىش دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئۇلار پۈتۈن كۈنلۈك ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلەۋاتقان شارائىت ئاستىدا ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقان چېن چۈەنگو خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالغان ئىقتىسات پەنلىرىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى 2004-يىلى خېنەن ئۆلكىسىدە مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت قىلىۋاتقان شارائىتتا ئالغان ئىكەن.

ماقالىدا چېن چۈەنگونىڭ دوكتورلۇق دېسېرتاسىيەسىدىكى كۆچۈرۈلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلار نەقىل قىلىپ ئېلىنغان. ماقالىدا يەنە چېن چۈەنگونىڭ 2004-يىلى ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا جۇڭگودىكى ئەمگەك كاپىتالىنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن ئىقتىسادىي ئەرەققىياتنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى» ناملىق دوكتۇرلۇق دېسېرتاتسىيەسىدىكى 13 پراگرافنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى پروفېسسور مو جېخوڭ 2002-يىلى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادىي ئانالىز ۋە ئادەم كاپىتالى» ناملىق دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكى، 65 پاراگرافنىڭ جۇ جىمىن ئىسىملىك يەنە بىرەيلەننىڭ 2002-يىلى جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق دىسېرتاتسىيەسى ئۈچۈن ئېلان قىلغان «ئىقتىسادىي ئۆسۈشتە ئادەم كاپىتالى ۋە ئۇنىڭ تەقسىم قىلىنىشى» ناملىق ماقالىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغانلىقى، كىرىش سۆز قىسمىنىڭ بولسا تەتقىقاتچى لى لىننىڭ 2000-يىلى «خېنەن سودا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بەش ئۆلكىسىنىڭ سەكرەتمە شەكىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ماقالىسىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا كلارېمونت مەك كېننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى پېي مىنشىننىڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 1990-يىلدىن كېيىنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى ھەر خىل ئىلمىي ئۇنۋانلار بىلەن پەردازلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى پۈتۈن كۈنلۈك ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شارائىتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈن ياقلىغان دېسىرتاتسىيەسىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئەمگىگىدىن كۆچۈرۈۋېلىنغان ساختا ماقالىلەر ئىكەنلىكى تامامەن ئېنىق ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دىپلوم ۋە ئۇنۋان ساختىلىقى خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىدىكى ئومۇملاشقان كەيپىيات ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئىلگىرى شىخەنزە شەھىرىدىكى ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچى بولغان مەزگىلىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، بىڭتۇەندىكى باشقارما دەرىجىلىك خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئىككى ئايلىق ياكى بىرنەچچە ھەپتىلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئىلمىي ئۇنۋان ئالالايدىغان ئەھۋاللىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە شى جىڭپىڭ ۋە چېن چۈەنگوغا ئوخشاش 2-ئەۋلاد خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» دەۋرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى، بىلىم ۋە ئىلمىي ئەمگەكتىن يىراق بولغان بۇ ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ئاتالمىش دوكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئۆزىنى پەردازلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل تۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پروفېسسورى سۈن ۋېنگۇۋاڭ ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساختا ئۇنۋانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆزىنى پەردازلاش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن دىپلوم ۋە ئۇنۋانلارغا ئېرىشىشى خىتايدا ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئەھۋال. خىتايدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلار ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان شارائىتلاردا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشى ئىنتايىن مۈشكۈل. ئەمما ئۇلار يەنىلا ھەر خىل ئاماللارنى تېپىپ چىقىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇ خىتايدا تامامەن ئومۇملاشقان ئەھۋال.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.