ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مائارىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇشىغا ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.01
mektep-oqughuchi-qosh-til-gimnastika.jpg مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا تىزىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بارلىق يەرلىك مەكتەپلەر ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈش ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق.ئۇيغۇر رايونىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر 29‏-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي ئوقۇش باشلىغان. مائارىپ نازارىتىنىڭ قارارى بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

بىز بۈگۈن يەرلىك مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا كۆچۈشىگە قارىتا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. بىز زىيارەت قىلغان ئاتا-ئانىلار مەزكۇر مەسىلىگە ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، كىشىلەرنىڭ ۋەزىيەت سەۋەبلىك يېڭى مائارىپ تۈزۈمىگە ئاشكارا پىكىر بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، پىكىر بېرىشكە جۈرئەت قىلغانلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالام بار. بىرى ئوقۇيدۇ. بۇ يىل 2‏-يىللىققا چىقتى.

مۇخبىر: بۇ يىلدىن باشلاپ پۈتۈن ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئۆزگەردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پۈتۈن ماتېرىياللار خىتاي تىلىدا تارقىتىلىدۇ. دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئۆتىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز باردۇ؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىزدە بۇنىڭغا قانداق ئىنكاسىڭىز بار؟

ئۇيغۇر ئايال: خەۋىرىم بار. لېكىن مېنىڭ باشقا ئىنكاسىممۇ يوق. ئەمدى بۇمۇ ياخشى بولدى، دېدىم. خىتاي تىلى دۆلەت تىلى بولغاندىن كېيىن بالىلار دۆلەت تىلىنى ئۆگەنسە، ھەممە جەھەتتىن ئۆزىگە پايدىسى بولامدىكىن، دەيمەن.

مۇخبىر: قىزىڭىزنىڭ خىتايچىسى قانداقراق؟

ئۇيغۇر ئايال: قىزىم دەرسلەردە ياخشى. خىتايچىسىمۇ ياخشى.

مۇخبىر: لېكىن سىلەر ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىغا بارساڭلار، پىكىر بېرىشكە توغرا كەلسە ياكى بالىلىرىڭلارنىڭ دەرسى، مەكتەپتىكى ئەھۋالىغا پىكرىڭلار بولسا، مەكتەپ بىلەن سىلەر قانداق ئالاقە قىلىسىلەر؟

ئۇيغۇر ئايال: مېنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيەم بار، بالىلارغا ئاز-تولا ياردەم قىلالىغاچقا بىز قىينىلىپ قالمايمىز. خىتاي تىلى ئۇقمايدىغان ئاتا-ئانىلار قانداق ئەمدى، ئۇنى ئۇقمىدىم. شۇڭا، ئۇنى مەن ئۆزۈم قىلىپ باقمىغاچقا ئۇقمايدىكەنمەن.

مۇخبىر: سىلەردە بىر ئەندىشە بارمۇ، بالىلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان بولدى، دەيدىغان؟

ئۇيغۇر ئايال: مەن ئۇنى بەك جىق ئويلاپ كەتمەپتىمەن. باشقا ئاتا-ئاتا ئانىلار قانداق ئويلىدى. بۇنىڭدا ئەمدى سەل قىينىلىشىمىز مۇمكىن بىر مەزگىل. ئەمدى ھازىر ناھىيىمىزدە چوڭلارنى پۈتۈن سەپەرۋەرلىك قىلىپ، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، كۈندە كەچلىك كۇرسلاردا. بۇنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇردى، بەك قىزىقىدىغانلار ئۆز ئالدىغا ئىختىيارى ئۆگىنىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: بۇ يەردە بىر ئەندىشە يوقمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ، دەيدىغان؟

ئۇيغۇر ئايال: مەن ئۇنداق ئارتۇق ئويلاپ كەتمەپتىمەن. بىز ئۆزئارا گەپلەشكەندە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا گەپلىشىمىز، دەپ ئويلاپتىمەن. دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە نېمە دېسە شۇنى قىلمىساق بولمايدىكەن.

مۇخبىر: بۇنىڭغا پىكىر قىلىپ باقمىدىڭلارمۇ، ھېچ بولمىسا ئەدەبىياتنى ئانا تىلدا ئۆتۈڭلار، دەپ؟

ئۇيغۇر ئايال: مەكتەپلەردە ئەمدى ئوقۇش باشلىدى. ئاتا-ئانىلارغا يىغىن ئېچىپ قالسا بېرىپ دەيمىزمىكىن، ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۇنداق گەپنى ئېغىزغا ئېلىپ باقمىدى.

مۇخبىر: ياكى بۇنىڭغا پىكىر قىلغانلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەيمىز دېسە، كىشىلەر قورقۇۋاتامدۇ-يا؟

ئۇيغۇر ئايال: ئۇمۇ بار. مىللەتچى بولۇپ قالىمىزكەن، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتايلى، دېسەك. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق گەپ بولمايدۇ. ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىدا ئۆگىنىدۇ. ئەمدى ھازىر ئۇنداق دېيىشكە، ئۇنداق دېيىشكە شارائىتقۇ بار. بىراق ئۆزىمىز بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتۇقمىكىن. مۇشۇ يېقىندا «قوش تىل» توغرۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، شۇ يىغىندا پىكىر-تەكلىپ بەرگەن ئىشلار بولۇپتىكەن. شۇلارنىڭ نېمە قىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھېچكىم گەپ قىلمايدىغان بولدىمىكىن، دەپ ئويلىدىم.

مۇخبىر: دېمەك، تەڭقىسلىق ئىچىدە قالغان بولدىما ئاتا-ئانىلار؟

ئۇيغۇر ئايال: ھازىر ئەمدى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، تېخى ئۇنداق بىر كىملەر قىينىلىپ باقمىغاچقا جىق ئاتا-ئانىلار ئۇنداق چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىدىمىكىن. بۇ يولغا قويۇلۇپ بىرەر يىل ئۆتسە، ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ گەپ قىلالماي قىينىلىپ قىلساق، شۇ چاغدا ئويلامىزمىكى، بېشىمىزغا كەلگەن چاغدا. ئۇنى شۇ ۋاقىتتا دېمىسەك، ھازىر بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ياش ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا ئەندىشە بىلەن قارىغانلىقى، بىراق ھازىر ئۇنداق قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق ئامىل تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ياش ئايال: ئىككى بالام بار، چوڭى يەسلىدە، كىچىكى تېخى كىچىك. چوڭى كىردى. مۇشۇ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بۈگۈن جۈمە بولسا بىر ھەپتە بولدى.

مۇخبىر: بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرىلارنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى، دەرسلەر ھەممىسى خىتايچىغا ئۆزگەردى. پۈتۈن ئۇيغۇر تىلى توختىتىلدى. بۇنىڭ قانداق تەسىرى بولار؟ دەرسلىك، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ھەممىسى خىتايچىغا ئۆزگەردى. سىزنىڭ ئوغلىڭىز كەلگۈسىدە مۇشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. سىز قانداق ئويلايسىز؟

ياش ئايال: ھازىر ئەمدى خىتايچىنى ياخشى ئۆگەنسە، دۆلەت تىلى بولغاچقا كېيىنكى ئىشلىرىغا ياخشى. ئۇيغۇرچىدىن ساۋاتى چىقسا ئۇمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: ئەندىشە قىلمامسىز، بۇرۇن «قوش تىل» دەيتتى، ئەدەبىيات دەرسى بەزى ئىجتىمائىي پەنلە ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتىلەتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەكتەپلەر بار ئىدى. ئۇنداق ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا ئۆزگىرىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىگە تەپەككۇر قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەيدىغان ئەندىشىڭىز يوقمۇ؟

ياش ئايال: بۇرۇن شۇنداق ئويلايتتۇق. لېكىن ھازىر) ۋەزىيەت( شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆگەنمىسە، بولمايدۇ. ھەئە بۇرۇن شۇنداق ئويلايتتىم. لېكىن ھازىر ھەممىسى ئاشۇنداق بولۇپ كەتتى.

مۇخبىر: نېمىشقا بۇرۇن ئۇنداق ئويلايتتىڭىز ھازىر بۇنداق ئويلايسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام بولامدۇ؟ يەنى سىزگە نېمە تەسىر قىلدى، پىلىكىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە؟

ياش ئايال: ھازىر خىتايچىنى ياخشى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ. ھازىر ھەممە ئىشلىرىمىز شۇنداق بولۇپ كەتتى. شۇڭا، خىتايچىنى ياخشى ئۆگىنىپ قىلسا، ھەممە ئىشلار قۇلايلىق بولىدۇ. شۇڭا، شۇنداق ئويۇلدۇم.

بىز يەنە ئۇيغۇر رايونىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى مەزكۇر ئۆزگىرىشكە بولغان پىكىرلىرىنى سورىدۇق.

خوتەندىكى خوتەندىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر خىتاي ئوقۇغۇچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوللايدىغانلىقى، بىراق ئۇلارغا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئوقۇغۇچى، «مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار. مەكتىپىمىزدىكىلەرنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار. مەن تولۇق ئوتتۇرا 2‏-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈشنىڭ ياخشى تەرىپى، ئۇ، ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىشىمىزغا پايدىلىق. ئۇلار دۆلەت تىلىدا سۆزلەشسە، بىزنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىمىزنى ئالغا سۈرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ يامان تەرىپى ئۇيغۇر تىلى ئۇلارنىڭ ئانا تىلى. ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشىغا پايدىلىق. شۇڭا، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى تەرىپىمۇ، بار يامان تەرىپىمۇ بار. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەر ئىككى تىلنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم، دەپ قارايمەن» دېدى.

بىراق يەرلىك دائىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈشىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پىكىر قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ نازارىتى بۇ يىل 7-ئايدا چىقارغان بەش ماددىلىق بىر يەرلىك ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈشىگە قارشى تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ سىياسەت خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە ئالاقىدار خىتاي قانۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىغا خىلاپلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.