تۈركىيە زافەر پارتىيەسى «مەن خىتايلىق» دېگەن تۈركىيە مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.11.23
«مەن خىتايلىق» دېگەن تۈركىيە MADO شىركىتىنىڭ خوجايىنى قاتتىق تەنقىد ۋە بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئۇچرىدى MADO ماروژنى شىركىتىنىڭ خوجايىنى مەھمەت سائىت كانبۇر.
Social Media

ئۆتكەن ئاي ئەنقەرەنىڭ چۇكۇرئامبار مەھەللىسىدىكى مادو ماروژنى شىركىتىنىڭ شۆبىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئېچىلماقچى بولغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى، خىتايدا مەبلەغلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئەمەلدىن قالدۇرغان مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى مەھمەت سائىت كانبۇر، -11ئاينىڭ-16كۈنى تۈركىيەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئىنساننىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ، بىرى تۇغۇلغان جايى، يەنە بىرى قورسىقى تويغان يەر، مەن بۈگۈن خىتايدا قورسىقىمنى تويدۇرۇۋاتقان بولسام مەنمۇ خىتايلىق»، دېگەن.

مەھمەت سائىت كانبۇرنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپلا قالماستىن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى زافەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى مادو ماروژنى شىركىتىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى مادو ماروژنىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مادو، بىر تۈرك شىركىتىدۇر. بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مادو رېستورانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، › خىتايدا سالغان مەبلەغلىرىم زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ‹، ›مەن خىتايلىق، خىتايغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمايمەن‹دەپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە يول قويماپتۇ. توغرىسى مەن ھاياتىم بويىچە بۇنداق ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان، مىللىي كىملىكتىن يوقسۇل، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان باياناتنى ناھايىتى ئاز ئاڭلاپ باققان ئىدىم. بىر ئادەم قانداقمۇ ئازغىنا پۇل ئۈچۈن تۈرك ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنى ساتىدۇ؟ ھەي ئادەم بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭغا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بەرسەڭ بولمامتى؟ بىز زافەر پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مادو شىركىتىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈش بىلەنلا قالماي، تۈركىي مىللەتلەرگە تىل ئۇزاتقان كىشىلەرگە قارشى ھەر زامان يەر يەردە ئاۋازىمىزنى چىقىرىشقا داۋام قىلىمىز».

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى ئۆتكەن ئاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن مادودا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچماقچى بولغاندا مەمەت كانبۇر ئەپەندى رۇخسەت قىلمىغاچقا مادو دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى بىر زالدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇ ۋاقىتتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېزلا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارنى بايقۇت قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇستافا ئاقىنجى ئىسىملىك كىشى تىۋىتتېر ھېسابىدا، «مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ قورسىقى تۈركىيەدە تويغانىدى، تۈركىيەدە تاپقان پۇلىنى خىتايغا مەبلەغ سېلىپ، قارنىم خىتايدا تويدى، مەن خىتايلىق دەپتۇ، بۇ نېمە دېگەن ئىككىيۈزلىمىلىك؟».

ئەسما قولجۇ ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا ئىنكاس قىلىپ مۇنداق يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن ئېچىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن ۋە مەن خىتايلىق دېگەن مادو نى بايقۇت قىلايلى، ئۇنىڭدىن ماروژنى سېتىۋېلىش، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلىق بولىدۇ».

كۆپ ساندا ئەگەشكۈچىسى بولغان تۈرك سەنئەتچى، پۇتبولچى، سىياسىيون ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ مادو شىركىتى خوجايىنى مەھمەت كانبۇرنىڭ «مەن خىتايلىق» دېگەن مەزكۇر سۆزلىرى ئورۇن ئالغان ۋىدىيوسىنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ مادو ماروژنىسىنى يېمەسلىككە چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەركىزى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىدىكى قاھرامانماراش رايونىغا جايلاشقان مادو ماركىلىق ماروژنى شىركىتىنىڭ 40 ئەتراپىدا دۆلەتتە دۇكانلىرى ئېچىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە 398 شۆبە دۇكىنى مەۋجۇت ئىكەن. مادو شىركىتى خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە يىۋۇ قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلىرىدە شۆبىلىرىنى ئاچقان بولۇپ، بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ شۆبە ئاچماقچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.