خوڭكوڭدىكى زور قارشىلىق ۋەقەلىرى نېمىشقا ماكاۋغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.11.04
xongkong-namayish-2019-01.jpg خوڭكوڭدا 2 مىليوندەك ئادەم نامايىش قىلىپ، «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن» نىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. 2019-يىلى 16-ئىيۇن. خوڭكوڭ.
Social Media

ئانالىزچىلار خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ قوشنىسى ماكاۋ، يەنى ئائۇمىنغا تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلاپ ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ زۇلۇم سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپلا قالماستىن، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلماقتا.

خوڭكوڭدىكى خىتاي رېجىمىغا قارشى ھەرىكەتلەر 5 ئاي داۋام قىلغان ۋە بۈگۈنگە كەلگەندە بارغانسېرى شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قارشىلىقلارنىڭ 1 سائەتلىك يىراقلىقتىكى قوشنىسى ماكاۋغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 
3-نويابىر گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى ئەنگلىيەدىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لىن ۋوڭ ۋە ماكاۋدىكى ماكاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى چېن جيەنشىنلارنى زىيارەت قىلىپ ئېلان قىلغان «خوڭكوڭنىڭ قوشنىسى بولغان ماكاۋ خىتاينىڭ ۋىۋىسكىسىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ قوشنىسى ماكاۋغا تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلغان. 

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئوخشاشلا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى يولغا قويۇلىۋاتقان يۇقىرى ئاپتونومىيەلىك ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە رايونلار ھېسابلانسىمۇ، ئۇلار بىر بىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

بىرى، خوڭكوڭ ئەن´گلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا 150 يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ئۇزۇن جەرياندا خوڭكوڭلۇقلار غەرب قىممەت قارىشىنى ۋە قانۇن ئېڭىنى زور دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەن. ماكاۋ بولسا 1557-يىلىدىن تارتىپ پورتىگالىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرۇپ، 1999-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئائۇمىنلىقلار ( ماكاۋلىقلار) ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان.

ئىككىنچىسى، خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 7 مىليون 400 مىڭ كىشى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى خوڭكوڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەر ئىكەن. بىراق، ماكاۋنىڭ نوپۇسى بولسا 623 مىڭ كىشى بولۇپ، ماكاۋلىقلارنىڭ يېرىمى خىتايدا تۇغۇلغانلار ئىكەن.

ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭلۇقلار ئۆزلىرىنى «جۇڭگولۇق ئەمەس، خوڭكوڭلۇق» دەپ قارايدىكەن ۋە ھەرقاچان ئۆزلىرىنى خىتايلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تەبىقە ھېسابلايدىكەن. ماكاۋلىقلار بولسا ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇق دەپ قارايدىكەن.

تۆتىنچىسى، خوڭكوڭ ئاسىيا قىت´ئەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، غەرب ئىقتىسادىغا زىچ باغلانغان. ئەكسىچە ماكاۋنىڭ ئىقتىسادى كۈچى خوڭكوڭغا قارىغاندا زور دەرىجىدە چەكلىك بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىغا بېقىنىدىكەن. ماكاۋغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ 70 پىرسەنتىنى خىتايدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدىكەن. ماكاۋنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئاساسەن ئويۇن تۈرلىرىگە تايانغان ئىكەن.

بەشىنچىدىن، خوڭكوڭلۇقلار 150 يىللىق مۇستەملىكە تارىخىدا ئەن´گلىيەنىڭ ۋە غەرب تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان دىنلارغا، ئىدېئولوگىيەلەرگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، پىكىر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولغان. لېكىن ماكاۋ 1999-يىلى رەسمىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتىن 33 يىل ئىلگىرىلا خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بولۇپ، ماكاۋلىقلار بۇ 33 يىل جەريانىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇپ، غەرب قىممەت قارىشىدىن ئايرىلىپ بولغان.

ئالتىنچىدىن، خوڭكوڭدا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى، نىسبەتەن ئادىل سايلام ۋە قانۇنلار مەۋجۇد بولسىمۇ، ماكاۋدا دەل ئەكسىچە ئىكەن. ماكاۋنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا خىتاي بىۋاستە قول تىقالايدىكەن ۋە ماكاۋدىكى خىتايدىن كەلگەن چوڭ بايلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ پەرقلەر سەۋەبلىك خوڭكوڭدىكى نامايىشلار قوشنىسى ماكاۋغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. بۇ يىل 8-ئايدا بىرقىسىم ماكاۋلىقلار خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىماقچى بولۇپ كوچىغا چىققاندا «قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت» دەپ قارىلىپ 7 كىشى قولغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاخبارات قاماللىرىغا قارىماي خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ ئىچكىرى خىتاي، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى خەلچەم خانىم بولسا «خوڭكوڭدىكى قارشىلىقلار خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەن قاراشنى ياقلايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2-نويابىر خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا پويىز قاتناش بېكەتلىرىگە، يول قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە ئوت قويۇش، بۇزۇپ-چېقىش ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ تىغ ئۇچىنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارىتىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى بانكىسىنى ۋە خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «شىنخۇئا ئاگېنتلىقى» نىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى ھەمدە خىتاي مەبلىغى بىلەن ئېچىلغان خوڭكوڭدىكى سودا دۇكانلىرىنى ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 200 دىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغان. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» 2-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ «بۇ ياۋايىلارچە بۇزۇپ-چېقىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.