مايك پومپېئو: «ئامېرىكا كارخانا ساھەسى شىنجاڭدا ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئەپەندى 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 13-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئەپەندى 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 13-مارت، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋاشىنگتوندىكى بىر سودا تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى مۇسۇلمانلار، ناتسىستلارنىڭ خورلىشىدەك خورلاشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا قىلىشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا ئۈندىگەن. مايك پومپېئو ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلماسلىققا چاقىرىش بىلەن بىرگە يەنە، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايدا سودا قىلىشنىڭ ئىقتىسادى خەۋپى توغرىسىدا ئىلگىرىلەپ مۇنازىرە قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، مايك پومپېئونىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا كارخانا ساھەسىنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن سودا قىلىشتا ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا ئۈندىشى، شۇنىڭدەك يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە 2‏-قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدۇر.

پومپېئو يۇقىرىقى سۆزلەرنى 30‏-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتوندىكى «سودا رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى» ناملىق ئورگاننىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش كەچلىك زىياپىتىدە سۆزلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1930-يىللىرىدىكى زوراۋانلىقىغا سېلىشتۇرۇپ، مەزكۇر رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مايك پومپېئو مۇنداق دەيدۇ: «سىز تىجارىتىڭىزنى ئويلاۋاتقان، خىتاي بىلەن قانداق ئېلىم-بېرىم قىلىشقا باش قاتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىز شىنجاڭدا زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ رايوندىكى ئىنسانىيەت كرىزىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلق تۇتقۇن قىلىندى. بۇنداق كۆلەملەشكەن دەپسەندىچىلىك 1930‏-يىللاردا يۈز بەرگەن. بىز ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە تېخنولوگىيەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى چوڭقۇر ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلە». 

مايك پومپېئو ئامېرىكا كارخانا مەسئۇللىرىغا بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ د ن ئا (DNA) ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشى، سۈنئىي ئەقىل ۋە يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىپ، بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزگىلدە بۇ سۆزلەرنى قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تېخنىكىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە ئىكەن. يېقىندا ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن يۈز تونۇش تېخنىكىسىغا ئالاقىدار 3 تەتقىقات تۈرىدە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

بۇ، ماركو رۇبىئو، تەد كرۇزدەك قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو «بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى نازارەت تورى قۇرۇشىغا ياردەملىشىشىنىڭ ئېچىنارلىق ھادىسە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ، 30‏-ئاپرېل كۈنى رونالد رېگان ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك رەقىبكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ماركو رۇبىئو: «مەن ھازىر شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كەلدۇق. بۇ ئېھتىيات بىلەن ھەل قىلىنىشى، لېكىن چوقۇم ھەل قىلىنىشى كېرەك. شۇ نەرسە ئامېرىكانىڭ شەھەرلەر ئارا ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسەت بەلگىلەش ئىشلىرىدا بارغانسېرى كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە. بۇ بولسىمۇ شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيىلىك رەقىبىگە ئايلىنىشقا يېقىنلاپ قالدى. بۇ، ئاخىرى دۇنيادا ئەركىنلىككە بەدەل بولىدۇ. يەنى، مەن باياتىن ئېيتقاندەك شى جىنپىڭ خىتاينى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنى ئامېرىكىغا رەقىب بولۇشقا ئېلىپ ماڭماقتا» دېگەن. 

ماركو رۇبىئو ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 40 تەك ئەزاسى بىلەن بىرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ۋە مالىيە مىنىستىرى ميۇنىچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ماركو رۇبىئو سەيشەنبە كۈنى رونالد رېگان ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى يەنە تىلغا ئالغان. ئۇ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق گۇمان يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭغا قاراپ باقايلى، خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۇلار ‹كەسپىي ماھارەت مەكتەپلىرى› ياكى ‹قايتا‏-تەربىيىلەش لاگېرلىرى› دەپ ئاتاۋاتقان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا. لېكىن، بىز بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىدە شۈبھىلەنمەيمىز. ئۇلار يەنە د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان ‹خىتاي چۈشى› مىليونلىغان خەلقنىڭ قاباھىتىگە ئايلاندى».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو «سودا رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى» دە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قاچان ۋە قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پەرقلىق بىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. مايك پومپېئو مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، سىلەرمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىسىلەر. مەن بۇرۇن ئۇششاق تىجارەتچى ئىدىم. مەن خىتايغا مال ساتاتتىم ۋە ئۇنىڭدىن ماتېرىيال سېتىۋالاتتىم. بىراق بىز بۈگۈن پەرقلىق بىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىمىز. ھەر بىرىڭلار خىتايغا ئالاقىدار دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ ئۆز تېخنىكىسىنى ياكى تورىنى سىزنىڭ كارخانىڭىزغا، دۆلىتىڭىزگە ياكى سىزنىڭ شېرىكىڭىزگە ئورۇنلاشتۇرغان-ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ۋە ياكى ئامېرىكانى رىقابەت سىرتىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقى خىيالىڭىزغا كېلىدۇ. ئۇلار بۇ رىقابەت ئارقىلىق ئەمەس. ، دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى، خۇسۇسىي كارخانىلار رىقابىتىدەك ئۇلار دۇچ كەلگەن بەزى خىرىسلار ئۇلارغا يات نەرسە». 

لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ قويۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرى شەجەۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «مايك پومپېئونىڭ سۆزىدە بۇ رايوندا تىجارەت قىلىشنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكى، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ ھۆكۈمىتى، ئامانلىق كۈچلىرى ياكى ساقچىلار بىلەن ۋە ياكى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن پايدا تېپىۋاتقان باشقا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلىگەن. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆزى ئەخلاقى نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، بۇ رايوندىكى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرغان. لېكىن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش شۇ كارخانىلارنىڭ مەيلىگە باغلىق مەسىلە. شۇڭا، بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ۋاسىتىگە ئېھتىياجلىق. بۇ كارخانىلار باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكى ئۈستىدىن پايدىغا ئېرىشمەسلىكى كېرەك».

ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر يوشۇرۇن سۆزلىشىشنى قويۇپ، ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقىش ۋە كونكرېت تەدبىر ئېلىشنىڭ ۋاقتى. بۇنىڭدا ئېمبارگو ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى. ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشنى توسالايدۇ. شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئەيىبلەشتىن ھالقىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر مەيداننى ئىپادىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ». 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئونىڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا سودا سۆھبەت ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن كۈنى قىلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ميۇنىچىن بىلەن سودا ۋەكىلى لايتېزېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سودا سۆھبەت ئۆمىكى 1‏-ماي كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ئاخىرقى سۆھبەتنى كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت