مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.07
mike ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپيو «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە، 2018-يىلى 19-ئىيۇل
VOA

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر دېگەندەك ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا تىلغا ئېلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 6‏-سېنتەبىر كۈنى كانساس شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: ««بىز سېنتەبىرنىڭ 3 ‏-ھەپتىسى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىمىز. بىز بىرمۇنچىلىغان يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىمىز. بۇ يىغىلىشلاردا بىز باشقا دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىپ، بىزگە ياردەمدە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە: «بىز بۇ كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئەركىنلىكىنى ئىستەيمىز. بىز خىتاينىڭ نۇرغۇن خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ مەسىلە، بۇ كىشىلەرنىڭ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان تۈپ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدۇر» دېگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مايك پومپېيو كانساس شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇرۇن قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى يەنە تەكىتلەپ؛ «خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتۇلغان مۇئامىلە بۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر داغ» دەپ كۆرسەتكەن. 

پومپېيونىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يەردىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇپ، «ئۇنىڭدىكى قىيىنچىلىق پۈتۈن دۇنيانى بۇنىڭغا قارشى سەپەرۋەر قىلىش» ئىكەن. ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ھازىرغا قەدەر بەزى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىكى ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتىكى مەسىلە باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى «بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكى»، «باشقا ئىنسانلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە قايىل قىلىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پومپېيو يەنە خىتاينىڭ «بۇ لاگېرلار كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ رادىكاللىق ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن قوغدايدۇ» دېگەن سەۋەبىنى رەت قىلغان. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.