«ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئەجدادلارنىڭ تارىخى ئايدىڭ بولسۇن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.28
yuz-meshhur-uyghur.jpeg «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلاردا. 2017-يىلى. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Abduweli Ayup

23-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتاپخانىلارغا «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتاب ھۆسن قوشتى. كىتابنى ئۇيغۇر داۋاسىدىكى پىداكار مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر يازغان. كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزغىن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا بەزى زىيالىيلار بۇنداق بىر مۇھىم تېمىنىڭ روياپقا چىققىنىدىن سۆيۈنسە، يەنە بەزىلەر 100 مەشھۇر شەخسنىڭ تاللىنىش ئۆلچىمىگە تەنقىدىي نەزەر سالدى. ئوقۇرمەنلەر بولسا ئاپتورنىڭ ئىلمىي كىملىكى، كىتابنىڭ قىممىتى، يېزىلىش سەۋەبى ۋە كىتابقا يېزىلماي قالغان ھېكايىلەرگە قىزىقماقتا ئىكەن.

ئوقۇرمەنلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» ھەققىدىكى تەئەججۈپلىرىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ كىتابنى يېزىش سەۋەبىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھە دېسە ئۆزى ئوقۇغان ئەللەردىكى باشقا مىللەتتىن بولغان ئۇستازلارنىڭ كەينىدىن مېڭىشلىرى، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى، پىكىرلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ماس كەلمىسىمۇ تارقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن يازغان. ئۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىگە يېتەكچىلىك قىلالىغان ئۇستازلارنىڭ ئىزىدىن ماڭمىغاندا ئۇيغۇرلار يات كارۋانغا قېتىلىپ يولدىن ئازىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىكەن. ئۇ قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.

مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر كىتابنى يېزىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەڭ زور قىيىنچىلىق ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ھەققىدىكى مەنبەنىڭ كەملىكى، يىلنامىلەرنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، كىشى ئىسىملىرى، تەخەللۇس ۋە تۇغۇلغان، ياشىغان يەرلەر ھەققىدىكى مۈجمەللىكلەر ئىكەن. 

شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى كىتابنىڭ تەييارلىنىشىغا ياردەم قىلغان بولۇپ تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن. ئۇ مەمەتتۇرسۇندەك ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيىسى كۆرمىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىلمىي ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىغا قايىل بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭچە تارىخ يېزىقچىلىقى ئىلمىي ۋە ئاممىباب دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، مەمەتتۇرسۇننىڭ يازغىنى ئاممىباب يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئىكەن. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئويلاشقاندا بۇنداق ئاممىباب تارىخى ئەسەرلەرنىڭ رولىنى مۇھىم دەپ قارايدىكەن.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى يەنە مەمەتتۇرسۇننىڭ يۈز مەشھۇر ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمىھالى جەملەنگەن بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى شەخسلەر ھاياتى ئارقىلىق بىر يىپقا تىزىپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزى يېزىپ چىققان قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخى تولۇق يورۇتۇلغان بىر كىتاب بولمىغان بۈگۈنكى شارائىتتا بۇ كىتابنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ دوستى ئابدۇراخمان ئىدىقۇت ئەپەندى كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى. ئۇ بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى نۇرلاندۇرغان ئەجدادلارنىڭ سېيماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئايدىڭ بولسا كېلەچىكىمۇ يورۇق بولىدىكەن، تارىختىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كەمچىلىكلەردىن ئىبرەت، تەجرىبە ئالماي، ئەكسىچە يوشۇرغاندا ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەندە شۇ خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلىشنىڭ ھەر زامان يۈز بېرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتابنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر كىتاب سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىم قىلىپ نەشر قىلىنغان. كىتابتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن خاقان شۇدىن تارتىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇرغۇن ئالماستەك تۆھپىلىك ئەربابلارغىچە بولغان 117 ئۇيغۇر مەشھۇر شەخس كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.