قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنە بىر ئاتاقلىق يازغۇچىسىدىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.02.16
Ataghliq-shair-Abliz-Hezim.jpg قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىر مەرھۇم ئابلىز ھەزىم.
RFA/Oyghan

15-فېۋرال كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاتاقلىق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، مۇستەقىل «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئابلىز ھېزىمدىن ئايرىلدى.

شائىر ئابلىز ھېزىم قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-ۋە 90-يىللىرىدىكى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «ئىنتىزار» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن ئىدى. مەرھۇم ئابلىز ھېزىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۇنىڭ زامانداشلىرى، قەلەمداش دوست-بۇرادەرلىرى، شاگىرتلىرى، يۇرتداشلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

ئابلىز ھېزىمنىڭ ساۋاقدىشى ۋە قەلەمداش دوستى، پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، تېخى يېقىندىلا ئىستېداتلىق يازغۇچى يەھيا تايىروف ۋاپات بولۇپ 40 كۈن تولمايلا، يەنە بىر مەشھۇر ئەدىب ئابلىز ھېزىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولغان. ئۇ مەرھۇمنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پوئىزىيەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئارامى بولمايۋاتقان بىر پەيتتە يەنە بىر ئاتاقلىق شائىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىش، بىزنى قانىتىمىزنى قايرىپ قويغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن ئابلىز ھېزىمنى ئۇيغۇرىستاندا پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىن تارتىپ ياخشى بىلىمەن. ئۇ ئەينى يىللىرى ۋەتەندە نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ، 1963-يىلى سابىق كېڭەش ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئىدى.»
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئابلىز ھېزىم مەسەللىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن يېقىملىقلىقى، تەسىرچانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇبادا ئۇيغۇر ئېلى ئازاد بولغان بولسا، ئابلىز ھېزىمگە ئوخشاش مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىبلىرى نامىنىڭ جاھانغا تونۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ ھەر قانداق يوللىرىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىپ كېتىشىگە ئىشەنچىسىنىڭ كامىللىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە ئابلىز ھېزىمنىڭ باشقىمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئۆز خەلقىگە ئەركىنلىك تىلەش، ئۇنى ھۆرلۈككە يېتەكلەشكە ئوخشاش مىللىي ئويغىنىشقا بېغىشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابلىز ھېزىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاممىۋى تۈردە قېچىش جەريانىغا شاھىت بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. 1955-ۋە 1960-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىنى تاشلاپ، كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەنە شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىدىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنداق سىياسىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ داۋام قىلغان. مىڭلىغان ئۇيغۇرلار سودا، ئوقۇش ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار چېگرا ئاتلاپ ياشىغان بولسىمۇ، ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالاقىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان. بولۇپمۇ شائىر ۋە يازغۇچىلار ئەدەبىي دوستلۇق ئالاقىلىرىنى تەرەققىي ئەتتۈرۈشكە ئىنتىلگەن بولسىمۇ، سىياسىي ۋەزىيەت بۇنىڭغا يول قويمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىنى قوشنا مەملىكەتلەردە تارقىتىشقا تىرىشقان. ئابلىز ھېزىمنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن مۇناسىپ قارشى ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا بېسىلغان. 

ئاۋۇت مەسىموفنىڭ دېيىشىچە، ئابلىز ھېزىمنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغان ئىكەن. ئۇ 1955-يىللىرى شېئىر ۋە ئەدەبىي تەنقىدىي ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن ئۆز ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قازاقىستاندىكى «جازۇشى» نەشرىياتىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىكەن. 

ئابلىز ھېزىمنىڭ ئەسەرلىرى 2005-يىلدىن باشلاپ «مىر» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ «مىڭ بىر مەسەللەر»، «مىڭ بىر ئىبرەت: ھەجۋىي شېئىرلار ۋە لەتىپىلەر»، «مىڭ بىر ساۋاق»، «قۇتلۇق قوڭغۇراق» قاتارلىق ئەدەبىي ۋە تەنقىدىي ماقالىلىرى، «بەشىنچى پەسىل» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «بارسا كەلمەس يول» ناملىق ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلىرى، «مەن تۈنۈگۈندىن كەلدىم» ناملىق نەسىر ۋە پۇبلىستىكىلىق ماقالىلىرى 7 توم قىلىپ نەشر قىلىنغان. ھازىر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ 8-تومى تەييارلانماقتا ئىكەن. 
مۇختەر ئاۋەزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيا سەمەدى باشلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى جانلاندۇرغان ئىكەن. ئۇ، ئابلىز ھېزىم ئىجادىيىتىنىڭ سوۋېت دەۋرى ۋە مۇستەقىل قازاقىستان دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئابلىز ھېزىم 1935-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1960-يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئابلىز ھېزىم قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى يېنىدىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-ۋە 1996-يىللىرى «ئارزۇ» ژۇرنىلىدا بالىلار ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. شائىر ئابلىز ھېزىم ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن قول ئۈزمىگەن. ئۇنىڭ «ئوي ئۇچقۇنلىرى»، «ئويلان، تاپ»، «توقسان توققۇز تېپىشماق»، «قوڭغۇراق» قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلاملىرى ۋە بىر قاتار دراما ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.