ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنكى ھاياتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.12.15
qazaqistan-almata-uyghur-roza-heyt-mamaz.jpg ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە روزا ھېيت نامىزى، 2015-يىل
RFA/Oyghan


ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتلىرىنى تاشلاپ، كۆپىنچىسى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. ئەنە شۇ كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ بېسىم قىسمى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قازاقىستاندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى. 1918 - يىلقى ئاتۇ پاجىئەسى، 30 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يېزىلاردا يۈرگۈزۈلگەن كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتى، شۇ يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەۋژج ئالغان سىياسىي تەقىبلەشلەر، 40 - يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى، شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئېگىلىكنى تىكلەش ھەرىكىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆپلىگەن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى ئالماتا ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى ئالماتا شەھىرى بىر نەچچە يىل سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلدى.

قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ئالماتا شەھىرىنىڭ تارىخى توغرىلىق كىتابلاردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چار رۇسىيەسى دەۋرىدە ۋېرنىي دەپ ئاتالغان بۇ شەھەر 1921 - يىلى 5 - فېۋرالدا ئالمائاتا شەھىرىگە، يەنى «ئالمىلار ئاتىسى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. يېقىندا ئالماتادا نەشر قىلىنىدىغان ئاممىۋىي گېزىتلارنىڭ بىرى «كەچلىك ئالماتا»دا ئېلان قىلىنغان ۋاسىلىي شۇپېيكىننىڭ «ئارتقى ئىلى سېپىلى. ئالماتا نېمىدىن باشلاندى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ۋېرنىي دەسلەپتىلا كۆپ مىللەتلىك شەھەر بولغان ئىكەن. كۆپ ساندىكى كازاكلار، رۇسلار ۋە تاتارلاردىن تاشقىرى يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارمۇ بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ھازىرقى بايتۇرسىنوف، يەنى ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ۋە ماسانچى، يەنى ئىلگىرىكى تۇڭگان كوچىلىرىدا ياكى مەھەللىلىرىدە ياشىغان. ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللىرى، بولۇپمۇ 50 - ۋە 60 - يىللاردىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى دەرىجىدە ئۆستى.

ئۇيغۇرلار شەھەرنىڭ قايسى رايونلىرىنى ماكانلىدى؟ قانداق ياشىدى؟ نېمە تىرىكچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى؟ ھازىر شەھەرنىڭ قايسى رايونلىرىدا زىچ ئولتۇراقلاشقان؟

بىز بۇ ھەقتە ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى، 80 ياشلىق ئەركىن ئاكا تۇردىيېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ 1881 - يىلدىن باشلاپ ئەنە شۇ ئالماتا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.