ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى رابىك ئىسمايىلوفنىڭ مىللىي كىملىكنى ساقلاشتىكى رولى ئالاھىدە تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-08-08
Share
Rabik-Ismayilof-Abdureshit-mekhsutof-bilen.jpg رابىك ئىسمايىلوف (سولدا) جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەقسۇتوف بىلەن. ئالمۇتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

يېقىندا پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەتنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلغان ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ۋاپات بولغىنىغا قىرىق كۈن تولغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4-ئاۋغۇستتا ئالمۇتادىكى «ئىمپېراتور» رېستورانىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر رەھبەرلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. ئۇنىڭغا مەرھۇمنىڭ كەسىپدىشى، پېشقەدەم پېداگوگ زېرىپ مولوتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ رابىك ئىسمايىلوفنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە قوشقان تۆھپىسىنى، مىللىي مائارىپ ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىكى پىداكارانە ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالىدى.

مۇراسىمدا دەسلەپ سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى رابىك ئىسمايىلوف ۋاپاتىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، 1949-يىلدىن بۇيان كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي تۈردە يوقىتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر بۇنىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەھرىمان غوجامبەردى شۇنداقلا قازاق قىزى سايراگۈل سائۇتباينىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېر» لىرىنىڭ تۈپ مەقسىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا پاش قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ھازىر بار كۈچىنى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەمدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە سەرپ قىلىش لازىملىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇلغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىك ئىسمايىلوف ئۇيغۇرنىڭ ھەر قانداق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئوچۇق ۋە دادىل پىكىر قىلالايدىغان شەخس بولغان ئىكەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «رابىك ئىسمايىلوف ئالىملا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ھەم مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر زات. مەسىلەن، ئۇ پات-پات مىللىي داۋا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە سۆزلەپ، خەلقنى مىللىي داۋاغا چاقىراتتى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىمۇ پىكىر قىلىپ تۇراتتى. باشقا زىيالىيلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆز مەۋقەسىنى ناھايىتى ئېنىق، ئوچۇق ئېيتاتتى. ئويلايمەنكى، ئۇنىڭ ۋەتەن داۋاسىدا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىدا ئۇنىڭ رەپىقىسى، مەرھۇم پاتىگۈل سابىتنىڭمۇ تەسىرى چوڭ بولدى.»

ئەنگلىيەدىن كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا رابىك ئىسمايىلوفنىڭ خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەكىتلەپ، مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى مەركەز نامىدىن ئەۋەتىلگەن تەزىيەنامە بىلەن تونۇشتۇردى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، قىرغىزىستانلىق مېھمان، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف ۋە باشقىلار رابىك ئىسمايىلوفنىڭ مىللىي كىملىكنى ساقلاش، ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپنى تەرغىب قىلىشتا ئېلىپ بارغان ئىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور كاندىداتى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ پىكرىچە، رابىك ئىسمايىلوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى بارلىق مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى نەشر قىلىدىغان «مەكتەپ» نەشرىياتىدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. رۇسلان ئارزىيېف بۇ جەرياندا رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن بارلىق پەنلەر بويىچە دەرسلىكلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا، سۈپەتلىك چىقىشىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى، مەزكۇر نەشرىيات ھېسابىغا «مەكتەپ كۇتۇپخانىسى» ماۋزۇسى بىلەن ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزىمۇ ۋاقتىنىڭ قىسلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دەرسلىكلەرنى يازغان. رابىك ئاكا پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، مىللىي مائارىپنى ساقلاش، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تەشۋىق قىلىش ھەم راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئەنۋەر ھاجىيېف ئېلىپ بارغان كەڭ دائىرىلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولدى. سوۋېت دەۋرىدىكى رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە بەزى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر بار بولسىمۇ، ھەتتا بەزى مەكتەپلىرى ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى رۇسچە سىنىپلارغا بېرىپ، ئۇيغۇر سىنىپلىرى يېپىلىپ قالغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى. مۇشۇ چاغدا رابىك ئاكا ئەنۋەر ھاجىيېف قۇرغان تەشۋىقات توپىدا شۇ مەھەللىلەرگە بېرىپ، يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملاردا سۆزلىگەندىن باشقا، كوچىمۇ-كوچا مېڭىپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، تىنماي تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. بۇ تەشۋىقاتلار ھازىر ئېيتماققا ئوڭاي بولغان بىلەن، ناھايىتى تەسلىكتە ئېلىپ بېرىلغان. بەزى ئاتا-ئانىلار مىللىي كىملىكىدىن ناھايىتى يىراقلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارغا ئانا تىل ۋە ئانا مەكتەپنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن خېلى تەر تۆكۈشكە توغرا كەلگەن ئىدى. شۇ چاغلاردا ئاتا-ئانىلار ياشانغىنىغا قارىماي، ئانا مەكتىپى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ يۈرگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ، مائارىپ ساھەسىدە، جەمئىيەتلىك ئىشلاردا چوڭ خىزمەتلەرنى ئىگىلىگەن ئەربابنىڭ سۆزلىرىدىن ئالاھىدە تەسىرلەنگەن ئىدى. نەتىجىدە بۇ يېزىلاردا قايتىدىن ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلىپ، يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ قارا كۆزلىرى بارلىق پەنلەرنى ئانا تىلىدا ئوقۇش، ئانا تىلىدا سۆزلەش، ئۆز تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بەختىگە سازاۋەر بولدى». 

مەلۇم بولۇشىچە، رابىك ئىسمايىلوف يىگىت باشلىرىنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، يىگىت باشلىرىنىڭ پەقەت توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىغا باغلىق بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، مەملىكەتتە دوستلۇق ۋە تۇراقلىقنى ساقلاشتا، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مەتبۇئات ئىشلىرىنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە ھەل قىلغۇچى كۈچ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروفنىڭ ئېيتىشىچە، يىگىت باشلىرى كېڭىشى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف رەئىس بولغاندىن بۇيان رابىك ئىسمايىلوف كېڭەشنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان ئىكەن. يىگىت باشلىرى ھەر يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا باش قوشۇپ، ھېسابات بېرىشنى ھەمدە تەشكىلىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇنىڭغا رابىك ئىسمايىلوف ئاكتىپ قاتناشقان. يارمۇھەممەت كىبىروف مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› غا يىگىت باشلىرى توغرىلىق چوڭ ماقالە چىقاردى. بۇ يىگىت باشلىرىغا بەك ياقتىن شۇنىڭ بىلەن رابىك ئاكا بىز بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغان بولدى. ئۇ ھەر بىر ئىشىمىزدا مەسلىھەتلەر بېرىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى تۇتالايدىغان، بىرەر مەسلىھەت بېرەلەيدىغان كىشى ئىدى.»

يارمۇھەممەت كىبىروف رابىك ئىسمايىلوفنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەم ئۇ يەردىكى كۆپلىگەن زىيالىيلار، يىگىت باشلىرى، جەمئىيەت ئەربابلىرى بىلەنمۇ قويۇق ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

رابىك ئىسمايىلوف 1934-يىلى 2-سېنتەبىردە ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئالغان. ئۇ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا، ئاندىن 1963-يىلدىن باشلاپ «مەكتەپ» نەشرىياتىدا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان. رابىك ئىسمايىلوف 1973-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا «ئۇيغۇر سوۋېت دراماتورگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» ماۋزۇسىدا دوكتور نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلاپ چىقتى. 1992-ۋە 1997-يىللىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى باشقۇرغان. رابىك ئىسمايىلوف مۇشۇ يىلى 24-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىدە 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت