ئالماتادا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف ياد ئېتىلدى

0:00 / 0:00

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچىلارنى خاتىرىلەپ، دائىم ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. يېقىندا ئەنە شۇنداق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتتى. بۇ قېتىم يىغىلغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموفنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىلىق چۈشۈرۈلگەن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، سۆزگە چىققان شائىر ۋە يازغۇچىلار ئابلىز ھېزىم، تېلمان نۇراخۇنوف، پاتىگۈل مەخسەتوۋا، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ت. توختەموفنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئۆزگىچىلىكى، يازغۇچىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شائىر مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف بولسا يازغۇچىغا ئاتىغان شېئىرىنى ئوقۇدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف ت. توختەموفنى ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تۇرغان ئاكا توختەموف مېنىڭ ئۇستازىم. قازاقىستاندىكى ‹ژازۇشى› نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تۇرغان ئاكا باشقۇراتتى. ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىگىرمىدىن ئوشۇق كىتابلىرى داۋاملىق نەشر قىلىنىپ تۇراتتى. مانا مۇشۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئاتقۇرۇشتىمۇ تۇرغان ئاكا ئۆزىنىڭ يازغۇچىلىقى ۋە تەھرىراتچانلىقى بىلەن كۆزگە چۈشكەن. مۇشۇ نەشرىياتتا ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي كىتابلىرىنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا ۋە ئۇلارنى كىتابخانلارغا تېز يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا تۇرغان ئاكىنىڭ قوشقان ئۈلۈشى زور. شۇنداقلا ئۇ ‹پەرۋاز› ناملىق مەجمۇئەنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدا يېڭىدىن ئەدەبىياتىمىزغا كىرىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى، شائىرلىرىمىز، كۆرنەكلىك قەلەم ساھىبىلىرى، تارىخىمىز ھەققىدە ماتېرىياللارنى كۆپلەپ بېسىپ، نەشرگە تەييارلاپ، كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلدى.»

ت. توختەموف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-ۋە 90-يىللىرى، يەنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ئىجاد قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك ژانىر ۋە ماۋزۇلاردا ئەسەرلەر ياراتقان ئىدى. ئۇنىڭ يازغۇچىلىق تالانتى شۇ چاغلاردا يۇقىرى باھالىنىپ، ئەسەرلىرى باشقىمۇ تىللارغا تەرژىمە قىلىندى. بۇ ھەقتە ت. نۇراخۇنوف يەنە مۇنداق دېدى: «ت. توختەموف قازاقىستاندا ياشاپ، ئىجاد قىلىۋاتقان يازغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ماھىر ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇپ، ھاياتتىن ئۆتكەن چوڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ت. توختەموف ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىغا ئۆزىنىڭ ‹كونا تۈگمەن› پوۋېستى بىلەن بىردىنلا يازغۇچىلىق كەسپىگە تەييارلانغان ماھارىتى بىلەن زور قەلەم ئىگىسى بولۇپ كىرىپ كەلدى‏-دە، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئۇيغۇر نەسرىي ئەسەرلەر جانرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئات سالدى. ئۇنىڭ مەيلى ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرى بولسۇن، ئۇلاردا قازاقىستان زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئاددىي دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى ھەققىدە كۆپ يېزىلغان. تۇرغان ئاكا تۇغۇلغان يۇرتى سادىر يېزىسى، چوڭ بولۇپ ئۆسكەن ياركەنت شەھىرىدە ئاددىي خەلق بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى، خۇشاللىق ۋە مۇڭىنى كۆرۈپ، شۇلارنىڭ قاينىمىدا بىللە چوڭ بولغانلىقتىن يازغان ئەسەرلىرىدە ئەنە شۇلار كۆرسىتىلگەن بولۇش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتىدىغان نەرسە شۇكى، تۇرغان ئاكا توختەموف قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا ناھايىتى كۆپ تەرجىمە قىلىنغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ‹مولودايا گۋاردىيا› ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى ئاتالدى. ت. توختەموفنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا قەلەم تەۋرىتىپ يازغان ‹ئىپارخان› رومانى ئاياغلاشمىغان بولۇپ، ئۇ ئەمدى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. يازغۇچىنىڭ بېباھا ئەسەرلىرى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالتۇن فوندىدا ساقلىنىدىغان ئەسەرلەر، دەپ قارىشىمىز ھەقلىق. مۇستەقىل قازاقىستاندا ياشاپ ئىجاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئازىيىپ، ھازىرقى كۈندە نەسرىي ئەدەبىيات ژانىرىدا ئىشلەۋاتقان يازغۇچىلىرىمىز ناھايىتى ئاز. مەن ئويلايمەنكى، بىزنىڭ ياشلىرىمىزمۇ مۇشۇ نەسرىي ئەسەر ژانىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۈلۈشىنى قوشۇپ، تۇرغان ئاكا توختەموفتەك چوڭ ۋە كىتابخانلارنى قىزىقتۇرىدىغان رومانلارنى يېزىپ، يەنە مەيدانغا چىقىدۇ.»