ئالماتادا «تۇران دۇنياسى» فوندىنىڭ بەش يىللىقى ئاتاپ ئۆتۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-سېنتەبىردە ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ۋە «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ 5 يىللىقىغا بېغىشلانغان «بىرلىكى ياراشقان مۇستەقىل ئېلىم بار!» تېمىسىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.

«تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن بۇ پائالىيەتكە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى، ھەر خىل جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى. ئۇنىڭغا شۇنداقلا تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەتلىرى ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى، نۇر-ئوتان پارتىيىسى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىننى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف ۋە ئالماتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف تەبرىك سۆز بىلەن ئاچتى.

بۇ مۇراسىمدا يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ۋە «رۇخسارى» ئانسامبىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمدا شۇنداقلا «ئوزان» شەھەرلىك ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غارىب مامېدوف، «تىنچلىق دۇنياسى» قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئابېن نۇرمانوف، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەت داغدۇران ۋە باشقىلار قازاقىستاننىڭ چارەك ئەسىر جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى، «تۇران دۇنياسى» فوندى ھەم ئۇنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفنىڭ تۈركىي خەلقلەر بىرلىكىنى مۇستەھكەملەشكە قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇراسىم داۋامىدا تۈرك كېڭىشى، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئاسسامبلېيىسى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان، قاراچاي-چېركېسىيە، توۋا، قىرىم-تاتار، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقىمۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن تەبرىك خەتلىرى ئوقۇلدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا «تۇران دۇنياسى» ئىجتىمائىي فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف پۈتكۈل مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازتېكىن ئەپەندى تۈركىي خەلقلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېئۇ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف مەزكۇر فوندنىڭ بىۋاسىتە ك. مەخپىروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلۇپ، ئۆز پائالىيىتىنى بىر نەچچە يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، قازاقىستاندىكى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى تۈركىي خەلقلەر تەشكىلاتلىرى، تۈركىي بىرلىكى تەرەپدارى بولغان جەمئىيەت ئەربابلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش. ئىككىنچىدىن، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلەرگە بىۋاسىتە ئارىلىشىش. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدىيىلەرنى تەرغىب قىلىش. بۇ مەسىلە بويىچە فوند داڭلىق مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە بېغىشلانغان كىتاب نەشر قىلىپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. شۇنداقلا داڭلىق كارخانىچى مۇسابايېفلارغا بېغىشلانغان كىتاب نەشر قىلىپ، تونۇشتۇردى».

ر. ئارزىيېفنىڭ تەكىتلىشىچە، ك. مەخپىروف كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى، مىللەتپەرۋەرلىكى جەھەتتىن تونۇلۇپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت ئەربابىدۇر. ئۇ 2009-يىلى ئۆتكەن تۈركىي خەلقلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىگە باھا بېرىش مەسىلىسى قارالغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قاتناشقان تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2011-يىلى قۇرۇلغان «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بۇ تۈركىي خەلقلەرنى بىر-بىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشتۇرۇپ، ئۇلار ئارىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە كۈچەيتىش، تۈركىي خەلقلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

فوند شۇنداقلا ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، مائارىپىنى تەرغىب قىلىشنىمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت