ئالماتادا ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم سېلىماخۇن زەيناللوفنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.10.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil-1.jpg

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil-2.jpg

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil-3.jpg

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil-4.jpg

merhum-selimaxun-zeynallof-80-yil

8-ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە بەستىكار كومپوزىتور ۋە سازەندە سېلىماخۇن زەينالوفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى قاتناشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف مەزكۇر كەچنى ئۇيۇشتۇرۇش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز ئۇستازىمىزنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرىنى، يازغان، ئېيتقان ناخشىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەش، بالىلارغا مىللىي روھتا تەربىيە بېرىش. بايرامنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتىدىغىنىغا ئىشەنچىمىز كامىل. سېلىماخۇن ئاكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بۇ يۇرتقا، مەكتىپىمىزگە قىلغان ئەمگەكلىرى بېباھا. ئۇ، مەكتىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆپ ئۈلۈش قوشقان ئاكىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۆزى ئوخشاش سازاندىلەرنى، سەنەتخۇمار بالىلارنى تەييارلىغان چوڭ ئۇستاز.»

بۇ كېچىلىك گىمنازىيە خور توپىنىڭ ئورۇنلىشىدا شائىر مىرزەخمەت مېرىموفنىڭ سۆزىگە، سېلىماخۇن زەينالوفنىڭ مۇزىكىسىغا يېزىلغان «ۋەتەن» ناخشىسى بىلەن ئېچىلدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئېمېليان ھوشۇروف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق سېناتورى مارس باتتالوف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ۋە باشقىلار س. زەينالوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى مارات مەمەتباقىيېف ئۆزىنىڭ س. زەينالوف بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىرلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «سېلىماخۇن ئاكا ناھايىتى تىرىشچان ئىدى. ئۇ ماڭا مەخمۇت ئاكا ئابدۇراخمانوف بىلەن يازغان «كۆزلىرىم» دېگەن ناخشىنى بەردى. بۇ ناخشىغا بىر ھەپتە ئىشلىدىم. كېيىن ئۇنىڭغا ئۇسسۇل قويۇلدى. خەلقمۇ بۇ ناخشىنى خۇشال قارشى ئالدى. سېلىماخۇن ئاكىنىڭ يازغان ھەممە ناخشىلىرى خەلق ناخشىلىرىغا ئايلاندى. ئۇ ھازىر بولغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ ناخشىلارنى ئېيتار ئىدىم.»

سېلىماخۇن نەزەر ئوغلى زەينالوف 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق جاغىستاي يېزىسىدا سازەندە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن 1959-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم دەرگاھىنى تاماملىغان س. زەينالوف شۇ يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ 1962-يىلغىچە داڭلىق ئەلنەغمە سۇلتانمۇرات رەزاموف رەھبەرلىك قىلغان «ئارزۇ» ئانسامبىلىدا يېتەكچى سازەندە، ئاندىن ئالماتا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، 1997-يىلغىچە ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپتە مۇزىكا پېنىنىڭ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ جەرياندا س. زەينالوف دوستلۇق يېزىسىدا «دوستلۇق» ئانسامبىلىنى قۇرۇپ، كۆپلىگەن تالانتلىق شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىققان. ئۇ بولۇپمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ھېزمەت ئابدۇللىن، خېلىل ھەمرايېف، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، دولقۇن ياسىن قاتارلىق ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ۋە خەلق ئىجادىيىتىگە مۇزىكا يازغان 300دىن ئوشۇق ناخشىلارنىڭ ئاپتورىدۇر. س. زەينالوف ناخشىلىرى «يۈرەك سادالىرى»، «شۈكرى دەيمەن»، «دىل ئارامى» ناملىق توپلاملار بىلەن يورۇق كۆرگەن. ئۇ، قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ، شۇنداقلا قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كۆپلىگەن پەخرىي يارلىقلىرىنىڭ ساھىبى س. زەينالوف 2011-يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كومپوزىتورنىڭ قىزى، گىمنازىيە كىتابخانىسىنىڭ خادىمى گۈلبوستان زەينالوۋا ئاتىسىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ ھاياتى بىھۆدە ئۆتمىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن نۇرغۇنلىغان شاگىرتلىرى قالدى. شۇنداقلا بالا-چاقىلىرى، نەۋرىلىرى، چەۋرىلىرى دادىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يازغان ناخشىلىرىنى خەلق سۆيۈپ تىڭشايدۇ. ۋەتەنگە بارغاندا غۇلجىدا دادامنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتقىنىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم بەك خۇرسەن بولدۇم. دادام ئائىلىدە سۆزنى جىق قىلمايتتى. بىر ئېيتقىنىنى ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىمايتتى. دادام بىزدىن ئوقۇشنى، بىر ئىشنى ئاخىرىغىچە چىقىرىشنى تەلەپ قىلاتتى. دادام ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان. دادامنىڭ سازەندە، كومپوزىتور بولۇپ يېتىلىشىدە ئاپىمىزنىڭمۇ رولى ئۈستۈن دەپ ئويلايمەن.»

كېچىلىك پائالىيەت قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىلىرى مارات مەمەتباقىيېف، نۇرالىم ۋارىسوف، پەرھات داۋۇتوف ۋە باشقىلارنىڭ ئىجراسىدا مەرھۇمنىڭ «يوللار»، «تۇرنىلار»، «سېغىندىم»، «كۈلسە جانانلار»، «ئۇيغۇرۇم» ناملىق ناخشىلىرى، شۇنداقلا گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان ناخشا ۋە ئۇسسۇللار بىلەن داۋام قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت