ئالماتادا يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ ئىجادىيەت كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.11.24
Yazghuchi-ismailjan-iminof.jpg

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

Yazghuchi-ismailjan-iminof-1.jpg

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفقا بېغىشلانغان ئىجادىيەت كېچىسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

Yazghuchi-ismailjan-iminof-2.jpg

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفقا بېغىشلانغان ئىجادىيەت كېچىسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

Yazghuchi-ismailjan-iminof-3.jpg

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفقا بېغىشلانغان ئىجادىيەت كېچىسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

Yazghuchi-ismailjan-iminof-4.jpg

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفقا بېغىشلانغان ئىجادىيەت كېچىسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-نويابىر، ئالماتا. RFA/Oyghan

18-نويابىردا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئالماتادىكى باش كونسۇلخانىسىدا يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفقا بېغىشلانغان ئىجادىي كەچ ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا ھەر مىللەت ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ئالىملار، يازغۇچىلار، تىجارەتچىلەر، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ياشلار ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مۇراسىمدا دەسلەپ سۆزگە چىققان كونسۇل ئىرىنا پېرېۋېرزېۋا يازغۇچى ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان مۇنداق ئىجادىي كەچنىڭ رۇسىيە كونسۇلخانىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇنىڭ ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ «بالىلىق چېغىمنىڭ بۇلاقلىرى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىلەرنىڭ خېلى قويۇقلىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ھاياتىغا باغلىق كۆپلىگەن قىزىقارلىق مەلۇماتلارنىڭ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە ئوقۇرمەنلىرىدىمۇ ئالاھىدە قىزىقىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، يازغۇچى ئوقۇرمەنلىرى سانىنىڭ، بولۇپمۇ تور بەتلەردە كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كونسۇل ئى. ئىمىنوفنىڭ «ئەجدادلارنىڭ قەدىمىي ئۇرۇقى تۇۋادا...» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش نىيىتىدە مۇشۇ ئىجادىي كەچنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ت. روزاخۇنوفنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇۋادا ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەدە بولۇپ قايتقاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە كىتاب يېزىشقا كىرىشكەنلىكىنى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پارچىلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى بىر قاتار ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابقا ياخشى ئىنكاسلار بولدى، ئاساسەن قېرىنداشلىرىمىز تۇۋالىقلاردىن. ماڭا نۇرغۇن خەتلەر كەلدى. نېمىشقا مەن يازدىم؟ بىرىنچىدىن، تەقدىرىمىز ئوخشايدۇ. كىتاب ئىككى قېتىم چىقتى. بىرىنچى قېتىم بۇ يىلى مايدا چىقىپ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا تونۇشتۇرۇلدى. ئى. پېرېۋېرزېۋا بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش بىزدىمۇ ئۆتسۇن دېدى. نېمىشقا؟ تۇۋا رۇسىيەگە كىرىدۇ. كۈزدە كىتاب ئىككىنچى قېتىم چىقىپ، تونۇشتۇرۇلدى.»

ئى. ئىمىنوف تۇۋالىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن يات خەلق ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ تۇۋالىقلارنىڭ تۇغقان خەلق ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىكتىن ئۇلارنى كىچىكىدىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنى بەختلىك مىللەت سۈپىتىدە چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۆز يېرىدە 85 پىرسەنت ئىكەن. ئۇلار ئانا تىلىنى ساقلىغان مىللەت. تۇۋالىقلارنىڭ كېلەچىكىنىڭ بارلىقىنى مەن چۈشەندىم. 1944-يىلغىچە بۇلار بىر مۇستەقىل دۆلەت دەپ سانىلاتتى. شۇ يىلى ئۇلار رۇسىيەگە كىردى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى شۇلارغا ئوخشىتىمەن. بۇ كىتابنى تۇۋالىقلارمۇ ئوقۇسا. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان كۆپ مىليونلۇق قېرىنداشلىرىمىز ئوقۇسا. تۇۋالىقلار ئۇيغۇرلارنى ئوبدان بىلىدىكەن. كېلەچەكتە ۋەتەندىكى قەشقەر، خوتەن، كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار تۇۋا پايتەختى قىزىلغا بارسا، تۇۋالىقلار بىزنىڭ قەشقەرلەرنى كۆرسە، دەپ ئارمان قىلىمەن.»

مەزكۇر ئىجادىي كەچتە سۆزگە چىققان «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوف يازغۇچى ئىجادىيىتى دائىرىسىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كېڭىيىپ، قەلىمىنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئى. ئىمىنوف ئىجادىيىتىنىڭ مۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشىدە، بولۇپمۇ بىرلەشمىنىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى مەرھۇم تۇرغانجان روزاخۇنوفنىڭمۇ تۆھپىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يازغۇچىغا يەنىمۇ چوڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى. ئەمدى «مىسل» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى سائۇلې ئاخمېتوۋا بولسا، ئى. ئىمىنوفنىڭ ژۇرنالنىڭ تۇراقلىق ئاپتورى ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن كىتابخانلارنىڭ يازغۇچى ئەسەرلىرى بىلەن ئەنە شۇ ژۇرنال ئارقىلىق تونۇشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مۇراسىمدا شۇنداقلا قازاق مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ژاننا رۇستېم، ئالىمە كلارا خافىزوۋا، يازغۇچى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن پېشقەدەم ئۇستاز سۋېتلانا جاپپاروۋا ۋە باشقىلار يازغۇچى ئىجادىيىتىگە ئۆز باھالىرىنى بېرىپ، چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئى. ئىمىنوف ئىجادىيىتىنىڭ باشلانغىنىغا كۆپ ۋاقىت بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ رۇس تىللىق قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىچىدىن چىققان كۆرنەكلىك ئەدىب ئىكەنلىكىنى، شەخسەن ئۆزىگە يازغۇچىنىڭ «مېنىڭ قەشقەرىيەم» ناملىق كىتابىنىڭ ياققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يازغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى رۇس تىلىدا يازىدۇ. شۇڭلاشقا كىتاب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، سانى 300 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇ چىقارغان ئۈچ كىتابنى مۇھەببەت باغلاشتۇرىدۇ. ئۇ كىتابنى ئىنسانىيەتكە چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن يازىدۇ. ئۇلاردا ئاساسەن بىزنىڭ مەملىكەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئادەتتىكى پۇقرالار توغرىلىق يازىدۇ. يازغۇچى سۈپىتىدە ئىسمائىلجاننىڭ كېلەچىكى چوڭ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغۇچىلار ئارال، قەشقەر، تۇۋا توغرىلىق ئوقۇۋاتىدۇ، بىراق ئالدىمىزدا يەنە مىليونلىغان ئادەملەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشىدۇ، دېگەن ئۈمىدىم بار.»

ئىجادىيەت كېچىلىكىدە ئى. ئىمىنوف ئۆزىنىڭ «ئەجدادلارنىڭ قەدىمىي ئۇرۇقى تۇۋادا...» ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر ئوقۇپ، مېھمانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مۇراسىمدا شۇنداقلا تونۇلغان رەسسام ھاشىمجان قۇربانوف ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.