خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.01.23
terisa-bukzaki-xen-shyu-1.jpg نۇرغۇن يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. 2018-يىلى دېكابىر.
RFA

تېرىسا: «بېيجىڭدا 8 يېشىمدا يەكلەشكە ئۇچرىدىم، 21 يېشىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم»

ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتى خىتايلارغا ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشىنى «ناتسىستلارچە قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا تېرىسا خانىم بېيجىڭدا ئۆتكەن بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئائىلە كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك ئۈزلۈكسىز كەمسىتىلىپ، كۈرەش نىشانىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە مارالبېشى ناھىيەسىگە يېقىن بولغان بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيەسىدە سۈرگۈندە ئۆتكەن 9 يىللىق ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ، بىڭتۇەندىكى خىتايلارنىڭ كەمسىتىشىگە ۋە زۇلۇم سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىكى كۈچلۈك دىنىي ئېتىقاد، مىللىي ئەخلاق، ئادىمىلىك ۋە تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى مەدھىيەلىدى.

تېرىسا خانىم بېيجىڭدا مومىسىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرغان 8 ياش مەزگىلىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئۇنتۇلماس ۋەقەنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى كىچىك چېغىمدىلا مەن بۇ يەرگە تەۋە ئەمەسلىكىمنى بىلەتتىم. 8 ياشقا كىرگەن يىلىم تىيەنەنمىن مەيدانىدا يىغىلىش بولدى. ئۇلار ئامېرىكا بايرىقى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئەيزىنخاۋورنىڭ رەسىمىنى دۆۋىلىدى. مېنى بۇ رەسىملەرنىڭ يېنىغا تۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈردى. يىغىلىش تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ مەيداندىن كەتتى، ئەمما مەن يەنىلا ئاشۇ جايدا يالغۇز قالدىم. شۇ چاغدا بىر كونا ۋېلىسىپىتنى مىنگەن بىر ئاددىي بېيجىڭلىق كىشى يېنىمغا كېلىپ، مەندىن ئۆيۈمنىڭ نەدىلىكىنى سورىدى. ئۇ مېنى ۋېلىسىپىتى بىلەن يېتىلىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى، شۇ كۈنى تارتقان بارلىق ئازابلىرىمنى بۇ كىشىنىڭ ماڭا يەتكۈزگەن ئاشۇ ئىللىقلىقى بېسىپ كەتكەن ئىدى.»

تېرىسا خانىمنىڭ 2012-يىلى نەشر قىلدۇرغان «ئارتۇقچە ئادەم» ناملىق كىتابىدا ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك ئۈزلۈكسىز كەمسىتىلىپ، كۈرەش نىشانىغا ئايلانغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خاتېرىلەر ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان.

تېرىسا خانىم ئۆزىنىڭ «ئارتۇقچە ئادەم» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، ياردەم سۆيەر ۋە غەربلىكلەرگە ئوخشاش ھايۋاناتلارغا سۆيگۈسى بار كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تۇيغۇلىرى بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن بۇ كىتابىمدا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكەن دوستانە ھاياتىمنى، ئۇلار بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي ھالدا بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ ئۆتكەن كەچمىشلىرىمنى بايان قىلدىم. ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا مەن ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىنى ھېس قىلدىم.»

مەزكۇر كىتابتا تېرىسا خانىمنىڭ 17 ياشقا كىرگەن يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەرزەنتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەنلىكى، ئەمما ئامېرىكا دىپلوماتى بولغان دادىسى ۋېللىې خانېن ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ھەققىدە ۋەدىنامە يېزىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە ئۇنى يېزىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1964-يىلى ئالىي مەكتەپتە كىرىشتىن مەھرۇم قېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە شەنشى ئۆلكىسىگە زىيالىي ياش قىلىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى، 1967-يىلى 21 ياشقا كىرگەن تېرىسانىڭ بېيجىڭدىن سەنشىگە بارغان قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ تەجىپىدىن قېچىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مارالبېشى ناھىيەسىگە يېقىن بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيەسىگە كەتكەنلىكى ھەمدە بۇ يەردىكى 9 يىللىق ھاياتى ھېكايە قىلىنغان.

تېرىسا خانىم ئۆزىنىڭ بىڭتۇەندە ئۆتكۈزگەن 9 يىللىق ھاياتىنى ئەسلەپ، ئائىلە كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك بىڭتۇەندىكى مەزگىلىدىمۇ ئوخشاشلا كەمسىتىلىش ۋە كۈرەش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، ئەمما بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ۋە مېھرى-شەپقىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مەن ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىز بىلگىنىڭىزدەك مەن شىنجاڭدا 9 يىل تۇردۇم. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىدە 1967-يىلدىن 1976-يىلغىچە ئۆتكۈزگەن 9 يىللىق ھاياتىم ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابىي› دەۋرىگە توغرا كەلدى.»

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىڭتۇەنگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىدە بىر قېتىملىق كۈرەش يىغىنىدا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تارتىپ چىقىرىلغانلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇپ-چەيلەپ كۈرەشكە تارتقان پاجىئەلىك مەنزىرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن مەيداندىن كېتىشكە ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ئىككى نەپەر خەلق ئەسكىرى ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ، ئۇنى قۇملۇققا تاشلىۋەتكەن. ئۈچ كۈندىن كېيىن تېرىسا ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلار بار موللا كەنتىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكىنى يېيىش ئارقىلىقلا ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالغان.

تېرىسا خانىم ئۆزىنىڭ بىڭتۇەندە ئۆتكۈزگەن كەچمىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى. «ئۇ چاغدىكى بىڭتۇەننىڭ ماددىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى، يېمەكلىكنىڭ قىسلىقىدىن ئادەم ئۆلۈپ قالغۇدەك ھالەتتە ئىدى. شۇڭا مەن يېمەكلىك ئىزدەپ دائىم ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق موللا كەنتىدىكى بازارغا باراتتىم. ئۇ چاغلاردا ئۇ يەر يېشىللىق ئىدى، ئەمما بىڭتۇەن بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن ئۇ يەرلەردىكى توغراقلارنىڭ ھەممىنى كېسىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن موللا كەنتى قۇملۇق ياقىسىدا قالدى. ئۇ يەردىكى ئەسلىمىلەر مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ماڭا دىققەت قىلىشتى. مەن ئۇيغۇرلارغا ئۆزۈمنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىمنى ۋە شەرقتىن كەلمىگەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇلار مەندىن ‹سەن غەربتىن كەلدىڭمۇ، مەككىنىڭمۇ غەربىدىن كەلدىڭمۇ› دەپ سوراشتى. مەن ئۇلارغا شۇنداق دېدىم. ئۇلار مېنىڭ نيۇ-يوركتا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، ‹غەربتىن ياخشى ئادەملەر كېلىدۇ› دېيىشتى.»

تېرىسا خانىم يەنە مارالبېشىدىكى مەزگىلىدە ئۆزى تونۇشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ شۇ دەۋردىلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غەرب دۇنياسىغا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگەنگەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلدى: «شۇ يىللاردا مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان بىر ئۇيغۇر بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ماڭا نيۇ-يورك ياخشى جاي، بىر ئامال قىلىپ نيۇ-يوركقا كەتكىن دېدى. ئۇيغۇرلاردىن مەن سەمىمىيلىكنى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنى كۆردۈم. مەن يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئۆزۈمنى قانداق قوغداشنىمۇ ئۆگەندىم. بىر ئۇيغۇر ئايال مەندىن سىزدە پىچاق بارمۇ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا مەندە پىچاق يوق دەپ جاۋاب بەرگىنىمدە ئۇ ماڭا ئۆزۈڭنى قوغداش ئۈچۈن يېنىڭدا بىر پىچاق بولۇشى كېرەك، يامان نىيەتلىك ئادەملەردىن ئۆزۈڭنى قوغدىشىڭ كېرەك دېدى ۋە ئۆتۈكىنىڭ قونجىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە بەكىنى كۆرسەتتى. شۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن يېڭىسار پىچىقىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.»

تېرىسا خانىم يەنە ئۇيغۇرلاردىكى تەبىئەتنى قوغدايدىغان خىسلەت ۋە ھايۋاناتلارغا بولغان ئامراقلىق قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «ئارتۇقچە ئادەم» ناملىق كىتابىدا ئالاھىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئۇلار ھايۋانلارنى سۆيەتتى. بۆرىنى ئۇلۇغلايتتى. ئۇلار ماڭا بۆرىنى مەرتىۋىلىك ئۇلۇغ ھايۋان دەپ تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە بىڭتۇەننىڭ توغراقلارنى كەسكەنلىكى سەۋەبلىك بۆرىلەرنىڭ سىرتلاردا ياشاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۆرىلەر ئەسلى ئورمان ئىچىدە ياشايتتى، ئەمما بىڭتۇەندىكىلەر توغراقلارنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن بۆرىلەر دالالاردا كېزىپ يۈرىدىغان بولدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ بۆرىلەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قويلىرىغا چېقىلمايتتى، ئەكسىچە بىڭتۇەندىكىلەرنىڭ توخۇلىرىنى ئوۋلاپ يېيىشەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئەمەلىيەتتە بۆرىلەرمۇ كىملەرنىڭ ئۇلارنى ئاسرايدىغانلىقىنى ۋە كىملەرنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ‹ئارتۇقچە ئادەم› ناملىق كىتابىمدا بايان قىلغان ئىدىم.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تېرىسا خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.