قازاقىستاندا «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلانغان يېڭى يادىكارلىق ئورنىتىلماقچى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەسىلىسى قاراپ چىقىلغان ئىدى. بۇ مەسىلە بويىچە مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇلۇپ، مۇشۇ يىلى مەزكۇر مۇراسىمغا تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىلىرى يۈكلەندى. ئاتۇ پاجىئەسىگە بېغىشلاپ يادىكارلىقلار ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەم بۇ يۆنىلىشتە بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەنە شۇ ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولدى. شۇ مەقسەت بىلەن 3-مارت كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان مەمەتوف باشقۇرغان كومىسسىيە ۋەكىللىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق لاۋار يېزىسىدا بولدى. لاۋار، 1918-يىلى، ماي ئېيىدا رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قىرغىن قىلىنغان جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كومىسسىيە ئەزالىرى ئۇيغۇر يۇرت-جامائەتچىلىكى ئاكتىپلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردە ئورنىتىلغان يادىكارلىق ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىنى زىيارەت قىلىپ، ھەيكەلتىراش رۇستەم شاماخۇنوفنىڭ يېڭى لايىھەسى بىلەن تونۇشتى. مۇشۇ يىلنىڭ 31-ماي كۈنى، يەنى سىياسىي تەقىبلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت ھەققىدە يىغىن قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى مەكتىپىدە داۋام قىلدى. ئۇنىڭغا لاۋار، دوستلۇق، قاراتۇرۇق، قورام، چېلەك، بىرلىك، ئۆرنەك قاتارلىق يەتتىسۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ يىگىت باشلىرى، ئاقساقاللىرى، خانىم-قىزلىرى ۋە ياشلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا كومىسسىيە ئەزاسى، «ئېھسان» فوندىنىڭ رەئىسى ئاينىسەم ۋايدېنوۋا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان مەمەتوف مەزكۇر مۇراسىم دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلار، شۇ جۈملىدىن «ئاتۇ» غا بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش، يادىكارلىقلار ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى قايتىدىن قۇرۇش، بۇ ھەقتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى، جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىش شۇنىڭدەك باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات قىلدى.

يىغىندا سۆزگە چىققان قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ ھاكىمى ئېرمېك سامسىبېكوف مەزكۇر پائالىيەتكە ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ يېتەرلىك ھەم مەقسەتلىك بولۇش لازىملىقىنى، ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ، ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ ئالدىن-ئالا خەۋەردار بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۇتۇقلار تىلىدى. يىغىندا سۆزلىگەن مۇزەپپەر ئابدۇللايېف، ئىمىنجان ناسىروف، كەرىم خۇدايبېردىيېف ئوخشاش سابىق ئىگىلىك ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، يىگىت باشلىرى، ياشلار «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ 100 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ چوڭقۇر ماھىيىتىنى، ياشلار ئۈچۈن تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، لاۋاردا قايتا ياسىلىدىغان يادىكارلىقنى ھەم ماددىي، ھەم مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاينىسەم ۋايدېنوۋانىڭ ئېيتىشىچە، لاۋاردا قايتا ئورنىتىلىدىغان يادىكارلىقنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 31-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار قاتناشماقچى. ئاينىسەم ۋايدېنوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «لاۋاردىكى يادىكارلىقنى قايتا ئورنىتىش بويىچە ئىشلار باشلاندى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۈگۈن ئۆتكەن يىغىن ناھايىتى مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولدى دەپ ئويلايمەن. پەقەت لاۋار يېزىسىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ يېزىلاردىن كەلگەن يىگىت باشلىرى، چوڭلار بار كۈچىنى مۇشۇ لاۋار يادىكارلىقىنى قايتا ئورنىتىش ئىشلىرىغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر بۇ ئىشنىڭ لايىھەسى تۈزۈلۈپ، سەرپ قىلىنىدىغان خىراجەت مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مېنى بۈگۈن خۇشال قىلغىنى، ھەممە سۆزلىگۈچىلەر بۇ لايىھەنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ، خىراجەت تەرىپىدىن بولسۇن، ئىشچىلار، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تەرىپىدىن بولسۇن، ياردەم كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمدى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەنمۇ رەسمىيەتلەر كېلىشىپ بولدى. بىز مۇشۇ پات يېقىندا يادىكارلىقنى ئورنىتىش، ئەتراپنى تازىلاش، ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى باشلايمىز دەۋاتىمىز. بۇ يادىكارلىقنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تونۇلغان ھەيكەلتىراش رۇستەم شاماخۇنوف ياساپ چىقتى. ئۇ كۆپلىگەن يادىكارلىقلارنىڭ، ھەيكەللەرنىڭ مۇئەللىپى. يادىكارلىقنى ئورنىتىش بويىچە بۈگۈن مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا يىگىت باشلىرى، ئاقساقاللار، ياشلار، زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر كىردى».

ئاينىسەم ۋايدېنوۋا بىلدۈرۈشىچە، يادىكارلىقنى ئورنىتىشقا مەخسۇس خىراجەت ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى ئاجرىتىلغان بولۇپ، بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى 25-مايغىچە تاماملىنىدىكەن.

كومىسسىيە ئەزاسى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخچى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ دېيىشىچە، «ئاتۇ ۋەقەسى» يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخىدا ئۆتكەن چوڭ پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ كۈنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەن. بۇ پاجىئەگە بېغىشلانغان يادىكارلىقلار ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا، شۇنداقلا ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام، لاۋار، تاشتىقارا يېزىلىرىدا ئورنىتىلغان. زۇلفىيە كەرىموۋا بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتساق، سوۋېت دەۋرىدە بۇ ھەقتە ئوچۇق دېيىش مەنىي قىلىنغان ئىدى. پەقەت 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ‹قايتا قۇرۇش› سىياسىتىدىن كېيىن، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە دەسلەپكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، رابىك ئىسمايىلوف، مالىك كەبىروفلار بۇ پاجىئە ھەققىدە ھەقىقەتنى دەسلەپ ئېلان قىلغان زىيالىيلىرىمىز. ھازىر بولسا، بۇ ھەقتە يازغۇچىلىرىمىزدىن خەمىت ھەمرايېفنىڭ ‹غۇلجا يولى› رومانى، ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ‹ئاتۇ ياكى يەتتىسۇدىكى قىزىل تېررور توغرىلىق ھەقىقەت› ناملىق ماقالىسى كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش. ئەنە شۇ ‹ئاتۇ پاجىئەسى›نىڭ يۈز بەرگىنىگە 100 يىل تولغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى، سەۋەبلىرى، ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەر تېخىلا سىر پېتى قېلىۋاتىدۇ. ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ئارخىپلاردىن بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى ئىزدەۋاتىدۇ، ئەمما يېڭى مەلۇماتلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمدى لاۋاردا ئورنىتىلىدىغان يېڭى يادىكارلىق شۇ پاجىئە قۇربانلىرىنىڭ روھىغا قىلىنغان ھۆرمەت دەپ بىلىمەن. ھازىر مەزكۇر يادىكارلىق ئورنىتىلغان غۇلجا يولىدا خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ھەرىكىتى ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى غېنى باتۇرنىڭ، شۇنداقلا ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىز ھېزمەت ئابدۇللىن ۋە مەخمۇت ئابدۇراخمانوفلارنىڭ ھەيكەللىرىنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. شۇ يولدا ئۆتكەنلەر بۇ ھەيكەللەرنى كۆرگىنىدە دەررۇ شانلىق تارىخىمىز سەھىپىلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ».

زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، 1918-يىلى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا چوڭ قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، بۇ ۋەقە «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ئالغان ئىدى. شۇ يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا ۋېرنىي، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرى ھەم ئۇنىڭغا يېقىن رايونلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان كازاكلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ئەمما كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي تاشكەنتتىن كەلگەن جازالىغۇچى كوممۇنىست قىزىل ئارمىيە ئەترەتلىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردا ئاممىۋى جازالاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن مىڭلىغان بىگۇناھ خەلق قىرىلغان ۋە ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. بەزى بىرەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالمۇتا شەھىرىدىن تا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگراسىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئاتۇ پاجىئەسى» دە 7 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي ۋە باشقا ئەللەردە كوممۇنىزم ھەرىكىتى قانات يېيىپ ۋە كوممۇنىستىك مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئورنىتىلىش جەريانىدىكى كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.