چەتئەل تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.07
David-Brophy-Ondrej-Klimes.jpg ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان ياش ئالىملاردىن داۋىد بروپھي ۋە ئوندرەج كلىمەسنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان ئەسەرلىرى.
Photo: RFA

«1930-يىللار ئۇيغۇر تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە دەۋر ئىدى!»

پۈتۈن دۇنيا دېموكراتىيە ۋە تەرەققىياتقا يۈز تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشلار ھەمدە ئايىغى چىقماس تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي ئاڭ كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ مەزمۇنلارنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمرانلىقىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيىگە مەنسۇپ ئەھۋاللارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە، بىز ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە يېتىلىۋاتقان ياش تارىخشۇناسلاردىن دېيۋىد بروفىي ۋە ئۆندېرىي كلىمىسنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق.


20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي مۇھىتى بوران-چاپقۇنغا تولغان بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى. تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى مۇنداق بىر غايەت زور تەسۋىرنى نامايان قىلىدۇ: تارىم ۋادىسىنىڭ غەربىدىكى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بولشېۋىكلەر تەشكىللىگەن 1917-يىلىدىكى «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دا ئاغدۇرۇلغان بولسا، شەرقتىكى مەنچىڭ خانىدانلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك، يەنى 1911-يىلى خىتاي تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ قىممەتكە ئىگە بولغان شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھۇجۇمىدا ھالاك بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار دىيارى ئۈچۈن ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوسمان ئىمپېرىيىسى بولسا 1922-يىلى ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىكلەندى. بۇ زور ۋەقەلەر جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى ھەمدە رايوندىكى بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا سىڭىشىپ كەتتى.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان ياش تارىخشۇناس، چېخ جۇمھۇرىيەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئوندرېي كلىمېس بىر قىسىم ئۇيغۇر تورداشلارغا ئۆزىنىڭ «ئۆتكۈر» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى ھەمدە راۋان ئۇيغۇرچىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ياش ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئەسەرلىرى بىلەن بىرگە يەنە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسىنى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، چېخ ئوقۇرمەنلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە بېرىپ كەلگەن ئىدى. 

ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، راۋان ئۇيغۇر تىلىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخىي باسقۇچنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر زور ئۆزگىرىش دەۋرى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىمۇ بىر مۇھىم دەۋر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئوندرېينىڭ پىكرىچە، ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1920-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلار دىيارى كۆپ تەرەپلىمە بولغان ئىدېئولوگىيە دولقۇنلىرىنىڭ تەۋرىتىشىگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بەزىسى شەرقتىن كەلگەن بولسا، يەنە بەزىسى غەربتىن كەلگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يېتەكچى ئورۇندىكى بايراقدار ئىدىيىگە ئايلىنالمىغان. 

بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان دوكتور دېيۋىد بروفىي 2011-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 2016-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر مىللىتى» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇشۇ پەۋقۇلئاددە تارىخىي باسقۇچى ھەققىدە توختالغان. دېيۋىدنىڭ قارىشىچە، مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر زور تارىخىي ھادىسە «ئۇيغۇر» دېگەن تارىخىي نامنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەمدە شۇ ۋاقىتلارغا قەدەر «چەنتۇ»، «قەشقەرلىك» دېگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ يېڭىۋاشتىن «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقى بولغان.

دېيۋىدنىڭ قارىشىچە، 1930-يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى تۈپەيلىدىن يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەر سەپەر قىلىش ئاسانراق دەپ قارىغان رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىشنى تاللىۋالغان. ئەمما، مەنبەلەردە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن شۇ ۋاقىتلاردا رۇسىيە تەرەپكە بارغان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەپسىلىي پائالىيەتلىرى ھازىرغىچە قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا. 

مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ بىر تارىخىي مۇھىت ئىچىدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇ ۋاقىتتىكى «جەدىتچىلىك»، يەنى «يېڭىچە مائارىپ» ھەرىكىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل، دەپ قاراشقا باشلىدى ھەمدە بۇنىڭغا ماس بەزى يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.