ئالماتادا ئاتاقلىق شائىر دولقۇن ياسىن خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.12.12
enwer-hajiyef-shair-dolqun-yasin-305 ئەنۋەر ھاجىيېف شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن بىللە
RFA/Oyghan

12-دېكابىردا ئالماتانىڭ يازغۇچىلار ئۆيىدە ئاتاقلىق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىياس ژانسۈگۈروف نامىدىكى مۇكاپاتى ۋە مۇستەقىل «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دولقۇن ياسىننىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىم دولقۇن ياسىن ھەققىدە چۈشۈرۈلگەن فىلىم بىلەن ئېچىلدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يازغۇچى ئەخمەتجان ئاشىروف كىرىشمە دوكلات ئوقۇغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك مەسلىھىتىنىڭ رەئىسى ئەدىلبېك تالقانبايېف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى مارالتاي رائىمبېك ئوغلى، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات قۇزىيېف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ۋە باشقىلار شائىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇراسىمدا شۇنداقلا د. ياسىن شېئىرلىرى ئوقۇلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىروف د. ياسىننىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.