2 - نۆۋەتلىك «دۇنيا تۈرك مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.04.09
dr-omer-qul-sherqiy-turkistan-2013-305.png 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتىدا ئېچىلغان «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» يىغىندا دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆز قىلماقتا
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدا، «دۇنيا تۈرك مۇنبىرى. چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ 2023 - يىل نەزەرىيىسى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

«تۇرك دۇنيا مۇنبىرى» نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر مۇھاكىمە سورۇنىغا 50 دۆلەت ۋە رايوندىن ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ بار.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «تۈرك ئاسىيا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن 2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنگىچە ئىستانبۇلنىڭ بايرام پاشا رايونىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ۋە تۈركلەر ياشايدىغان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، سودا - سانائەتچىلەر، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان، ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. يىغىنغا يەنە سادىقجان سەلەي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ۋەكىل گوللاندىيىدىن كېلىپ قاتناشتى.

يىغىندا «تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ رەئىسى سولايمان شانسوي ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

سۇلايمان شانسوي ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيىنىڭ 2023 - يىللىق ئىش پىلانىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ۋە كەڭ تۈرلۈك بىر پىلان ئىكەنلىكى، بۇ پىلاننىڭ يالغۇز تۈركىيىگە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ۋە مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقان پۈتۈن تۈركلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ۋاقىت داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، «تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى رامىل ھەسەنوف، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسىيىت تۈيمەبايوف، «تۈرك سوي» باش كاتىپى دۇسەن كاسسېنوف، «تۈرك كومىتېتى ئاقساقاللار كېڭىشى» نىڭ باش كاتىپى خېلىل ئاكىنجى، ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى قادىر كوچدېمىر، ئىدىرنە ۋالىيسى ھەسەن دۇرۇر، كوسۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش مىنىستىرى ماھىر ياغچى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، «250 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسى بارلىقى مۇھىم بىر ھەقىقەت. تۈرك دۇنياسى تۈركىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە چوقۇم كىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۈنتەرتىپىمىزدە تۈرك دۇنياسى يوق، ئەمما بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۈگۈن كۈنتەرتىپىمىزدە سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق بار، ئەمما تۈركىيىنىڭ قۇتۇلۇشى ۋە پاراۋانلىقى تۈرك دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك» دېدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئىسمائىل چىنگىز، مۇزاكىرىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل چىنگىز سۆزىدە تۈركىيىنىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئەركىن دۇنيادا ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۆز ئىچىدە قۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ۋاسىتىلىق ياكى ۋاسىتىسىز ھالدا ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرى بولىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سەزگۈر بىر مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ساغلام يۈرگۈزۈلۈشى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە يېزىلىدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداپ كېلىۋاتىدۇ، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىرى ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى زىيارەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىر ئىلھام بولدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى توغرىسىدا بىر سىگنال بەردى. بۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك بىر ھەرىكەت بولدى.»

ئىسمائىل چىنگىز سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى تەرەققى قىلغان ۋەزىيەتتە ئۇ رايوندىكى قېرىنداشلار بىلەن تېخىمۇ ئەركىن ھالدا مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتناشنىڭ باشلىنىشى، تۈرك سودا - سانائەت، كارىخانىچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىنىشى، رەسمىي يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇشقا تىزىملاشنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر ساھە خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مەسىلىلەر ئاستا - ئاستا ھەل بولۇشقا باشلىنىدۇ دەپ قارايىدۇ.»

يىغىنغا مۇزاكىرىچى بولۇپ قاتناشقان دوكتور ئۆمەر قۇل پىكىر - بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى ۋە چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە چەتئەللەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا 12 قېتىملىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى، «تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق نىشان ۋە خىزمەت پىلانلىرى» «چەتئەللەردىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ 2023 - نىشانلىرى»، «مۇستەقىللىقنىڭ 30 - يىلىدا تۈرك دۆلەتلىرى نىشانى» , «تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ نىشانى 2023»، «كەلگۈسى 100 يىلنىڭ ئىستراتېگىيىسى نېمە؟»، «خەلقئارالىق دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە چەتئەللەردىكى تۈركلەرنىڭ 2023 - يىلى نۇقتىئىنەزىرى»، «چەتئەللەردىكى تۈرك دىئاسپورىسىنىڭ ۋەزىيەتكە ۋە تاشقى سىياسەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئورتاق تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ نىشانى 2023» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا سۆز قىلىندى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ياسەمىن خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ۋە گوللاندىيىدىن كېلىپ يىغىن قاتناشقان سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ياقۇپجان مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن بولىۋاتىدۇ، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تۈركىيىدىكى ۋە ياۋروپادىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇش كېرەك. بىز بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قاتنىشىۋاتىمىز. 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنىدا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىندى. بۇ يىغىننىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا پايدىلىق بىر ئىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.