ئەنقەرەدە «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركچىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2016.03.24
«ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركچىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا مەزكۇر روماننىڭ ئاپتورى قازاقىستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 23-مارت، ئەنقەرە.
23-مارت چۈشتىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتى. مۇراسىم ئەھلى تۈركىي خەلق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى مالىك ئوتاربايىف رىياسەتچىلىك قىلغان مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى جانسېيىت تۈيمابايېف قىلدى.
ئۇ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك دوستلار، قىممەتلىك مېھمانلار. قازاقىستان ئەلچىخانىسىغا خۇش كەلدىڭلار. بۈگۈنكى مېھمىنىمىز قازاقىستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرى ئاكىمىز بۇ يەردە، كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممىڭلارغا مەلۇم، قازاقىستان 120 مىللەت بار بىر جۇمھۇرىيەت. بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلار ئالماتا رايونىدا ياشايدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپلىرىمىز بار. گېزىت-ژۇرناللار، كىتابلار نەشر قىلىنماقتا. يەنە بىر ئالاھىدە تەرەپ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر تىياتىرى قازاقىستاندا بار. بىز قازاقىستاندىكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇۋاتىمىز. قازاقىستان ئەدەبىياتىدا ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار. شۇڭا بىز تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ‹ئىدىقۇت› رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلدۇردۇق. بۈگۈن ئەلچىخانىمىزدا ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە كەلگەنلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»
ئارقىدىن ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەروغلۇ سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىدە ئەدەبىياتنىڭ ئورنى يۈكسەك. بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن 3 كىتاب تەرجىمە قىلدۇق. بۇ ئۈچىنچى كىتاب. بۇلارنىڭ ئىككىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ، بىرى ئىدىقۇت ھەققىدە دراما ئەسىرى، يەنە بىرى ‹ئىدىقۇت› رومانى. يەنە بىر كىتاب بولسا زىيا سەمەدىنىڭ ‹ئىپارخان› ناملىق ئەسىرىدۇر. ‹ئىپارخان› ناھايىتى مۇھىم ئەسەر. ‹ئىدىقۇت› رومانىمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئەسەر. چۈنكى 850-يىلىدىن 12-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دۆلەت تۈركىيەدە ياخشى بىلىنمەيدۇ. شۇڭا بۇ تارىخى روماننى ئوقۇش ئارقىلىق تۈرك خەلقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
ئارقىدىن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەخمەتجان ھاشىرى» تېمىسىدا، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم «داڭلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇلار ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئەڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ ئاپتورى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە، بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا چىڭ كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، كىتابنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغان «ئىدىقۇت» رومانىدا 850-يىلىدىن 1125-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن «ئىدىقۇت» دۆلىتى ئاڭلىتىلغان. ئىدىقۇت دۆلىتى بۈگۈنكى تۇرپاننى پايتەخت قىلغان ھالدا 850-يىلى قۇرۇلغان. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدىقۇت پانتېكىن خاندۇر. ئىدىقۇت خانلارغا بېرىلگەن ئۇنۋان بولۇپ، ئۇلۇغ بەخت، ئۇلۇغ سائادەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ مۇراسىمغا تۈركسوي يەنى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، ياۋرۇ-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، كىتابنى تۈركچە نەشر قىلغان «مەڭگۈ» نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.









