مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەركىن گىمناستىكا تۈرىدە ئۈمىدلىك يېڭى نوتىلارنى يېتىشتۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادانىڭ ئونتارىئو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر سۈمەييە ئابدۇۋەلى. 2018-يىلى يانۋار، كانادا
كانادانىڭ ئونتارىئو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر سۈمەييە ئابدۇۋەلى. 2018-يىلى يانۋار، كانادا
RFA/Gülchéhre

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان پەرزەنتلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بالىلارنى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە .ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىندا كانادادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەركىن گىمناستىكا تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ. يۇغۇرى ماھارەتلىك ھەرىكەت تېخنىكىلىرى، خاس ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەش گۈزەللىكلىرىگە يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلىدىغان بۇنداق ئالاھىدە تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۈزۈپ چىقىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بەخش ئەتمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە توپلىرىدا، كانادانىڭ ئونتارىئو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇۋەلى ۋە ئايتۇرغاننىڭ قىزى 9 ياشلىق سۈمەييە، 3-مارت كۈنى كانادانىڭ بۇرلىڭتون شەھىرىدە، كانادا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار ئەركىن گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي تۈر بويىچە چېمپىيونلۇقنى ئالغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا يەنە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىلى باھار پەسىللىك گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئايرىم تۈرلەردە 1-ۋە 2-ئورۇنلارغا ئېرىشكەن. سۈمەييە يەنە بۇنىڭدىن سىرت ئومۇمىي تۈردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سۈمەييە ئابدۇۋەلى، ئۇيغۇر ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىمۇ قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۆزىنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا تونۇشتۇردى.

سۈمەييەنىڭ ئانىسى ئايتۇرغان خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەقىللىق تىرىشچان سۈمەييە 3 ياش چېغىدىن باشلاپ بالېت ئۇسسۇلى بويىچە تەربىيەلەنگەن، 6 ياشتىن كېيىن ئەركىن گىمناستىكا تۈرىدە مەشىقنى باشلىغان بولۇپ، جاپالىق مەشىق ئاخىرى نەتىجە بېرىشكە باشلىغان. سۈمەييەنىڭ ھۇجرىسىغا كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەردە ئالغان 20 دىن ئارتۇق مېدال چىرايلىق ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەر بىر مېدالغا ئېرىشكەندە ئۆزىنى ئولىمپىككە يەنە بىر قەدەم يېقىنلىدىم دەپ ئىلھام ئالىدىكەن.

سۈمەييەنىڭ ترېنېرلىرىدىن ئايگۈل مەمەت خانىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق سېرك ماھىرى شۇنداقلا ئۇ سۈمەييەنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلى ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرك ئۆمىكىدىكى سەپداشلار. 2004-يىلى ئويۇن قويۇش بىلەن كاناداغا چىققان ئۇيغۇر سېرك ئارتىسلىرىدىن 7 نەپىرى كانادادىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قالغان ئىدى. شۇلار ئىچىدىكى سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت بىر قانچە يىل ئىلگىرى، كانادادىكى تالانت سەھنىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دادىللىق بىلەن تونۇشتۇرغان ئىدى.

ئايگۈلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە سۈمەييەنىڭ بەدىنىنىڭ ئىلاستىكىلىقلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سېرك ئارتىسى بولغان دادىسىدىن قالغان تۇغما ئالاھىدىلىك ۋە تالانت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ يەنە گىمناستىكا تۈرىدىكى تەنھەرىكەتلەرنىڭ مەشىقى ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ تۈردە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تالانتلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئىرادە ۋە چىدامچانلىق ئالدىنقى شەرت» دەيدۇ.

200 نەپەر ئۆسمۈر گىمناستىكا ماھىرىنى تەربىيەلەۋاتقان تورۇنتودىكى «پرېمىئېر گىمناستىكا كۇلۇبى» نىڭ تەكلىپلىك ترېنېرى ئايگۈلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇشۇ كۇلۇبنىڭ ئۆزىدىلا تورونتودىكى ئۇيغۇر بالىلىرىدىن 5-6 نەپىرى تەربىيىلىنىۋاتقان بولۇپ، سۈمەييە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى ياش نوتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئايگۈل مەمەت خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەركىن گىمناستىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى، گىمناستىكا تېخنىكىسى بىلەن سەنئەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ چاققان، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق ھەم كۆركەم ھەم گۈزەل بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ماھارەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەركىن گىمناستىكا بىر قەدەر كۈچلۈك بەدىئىيلىككە ئىگە ماھارەت تەنھەرىكىتى، بۇنىڭدا مۇزىكا رىتىمىغا ماسلاشقان چەبدەس ھەرىكەت، كۈچ ۋە ئەپچىللىكنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە بالېت، ئۇسسۇل تېخنىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتى ئارقىلىق كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ.

ئايگۈل خانىممۇ ئۆزلىرىنىڭ 4 قىزىنى ئەركىن گىمناستىكا ماھارىتى تەنھەرىكىتى بىلەن تەربىيەلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قىزى، 9 ياشلىق نادىرە مەردان 3-مارت ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 2018 يىللىق گىمناستىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ھازىرقى زامان ماھارەت گىمناستىكىسىنىڭ بىر قانچە تۈرىدە ئۆزىنىڭ يېشىدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، يەككە تۈرلەر بويىچە 1-ۋە 2-بولغاندىن سىرت ئومۇمىي ماھارەت بويىچە نەتىجىسى 1-بولغان. ئۇ ئىلگىرىمۇ مۇسابىقىلەردە بىر قانچە قېتىم ئالتۇن ۋە كۈمۈش مىس، مېداللار ئالغان ئىكەن.

ماھارەت گىمناستىكىسى، چوقۇم بوشلۇقتا موللاق ئېتىش، تەڭپۇڭ ھالەتتە تايىنىش، بەدەننى بۇراپ سەكرەشكە ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىدەك يۇقىرى ماھارەت ھەرىكەتلىرىنى تەلەپ قىلىنىدىغان بىر تۈر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ماھىرلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە گىمناستىكا ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى، قىياپەت گۈزەللىكى ۋە ئىپادىلەش گۈزەللىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. گەرچە سېرك بىلەن ئەركىن گىمناستىكا ئىككىلىسىدە بەدەننىڭ ئالاھىدە يۇمشاق ئىلاستىكىلىقلىقى تەلەپ قىلىنسىمۇ، بىراق بۇ ماھارەت كۆرسىتىشى جەھەتتە سېرككىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەركىن گىمناستىكىدىن ئىبارەت ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە قوش، يالاڭ تورنىك، تەڭپۇڭ لىم ھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ماھارەت كۆرسىتىشتە يەنە شەخس ئۆزى ياكى ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا موللاق ئېتىپ تۇتۇشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرمۇ ئىشلىنىدۇ.

ئەركىن گىمناستىكا 1911-يىلى خەلقئارا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئاياللارنىڭ ئەركىن گىمناستىكىسى 1952-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

ماھارەت تەنھەرىكىتى 1932-يىلىدىكى 10-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەركىن گىمناستىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابىدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان. ھازىر دۇنيادا خەلقئارا ماھارەت بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ مۇسابىقە دۇنيا ماھارەت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ماھارەت مۇسابىقىسىدۇر. ئايگۈلنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىنمۇ گىمناستىكىدا ئالاھىدە تالانتلىقلار چىقىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ كەلگەن ئىكەن.

ئايگۈل خانىم يەنە كانادادىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بالىلىرىنى گىمناستىكا ۋە باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى كېلەچەكتە دۇنياۋى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ قالسا، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ، دېگەن ئورتاق ئارزۇدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكا ماھىرى نارىمان قۇربانوف ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالغان ھەم ئۇنىڭ گىمناستىكىدىكى بىر ئۆزگىچە ماھارەت ھەرىكىتىگە خەلقئارا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى «نارىمان قۇربانوف» دەپ نام بەرگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت