20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم نامايەندە - ئەھمەت زىيائى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي-ئىلمىي مىراسلىرى (2)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-11-18
Share
ahmed-ziyai-305.png ئەھمەد زىيائى ئەپەندى
Public Domain

ئەھمەت زىيائى ئالەمدىن ئۆتۈپ چارەك ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى بىلىم ئادەملىرى بىردەك ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىر زامان ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا «كۆۋرۈك» لىك رول ئوينىغان ئەدىبنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىنكى ھاياتىنىڭ تېخى چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆگىنىلمىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، «لاداق يولىدا كارۋان»، «توزۇماس چېچەكلەر»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن 1930-ۋە 1940-يىللاردا ئاللىقاچان ئەلگە تونۇلغان ئەھمەت زىيائىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى ھاياتى ھەمدە ئىجادىيەت يولى قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن؟

ئىنتايىن ئەپسۇس، مەرھۇم ئەدىبنىڭ ئەينى چاغدا ئۆز ھاياتى ھەققىدە ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان ئەسلىمىسىنىڭ 1949-يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى قىسمى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى قىسمى مەتبۇئاتتىن كېسىپ تاشلانغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى ھاياتىنىڭ باشقا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە ئوخشاشلا رېجىم ئاستىدا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

مەلۇمكى، ئەھمەت زىيائىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت يولى 1950-يىللاردىن كېيىن جىددىي سىناققا دۇچ كەلگەن. ئەدىب گەرچە ھاياتىنىڭ قىرانلىق مەزگىلىگە، ئىجادىيەت كۈچىنىڭ پىشقان دەۋرىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش بىلەن مىللىي ۋىجدان ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان تاللاش شائىرنى ئۇزۇنغىچە سۈكۈتكە چۆمدۈرگەن.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئەھمەت زىيائىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدە يورۇقلۇققا چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئەمگىكىنىڭ «رابىيە-سەئىدىن» داستانىنى قايتا يېزىپ چىققانلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەھمەت زىيائىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنىڭ 1940-يىللاردىلا سەھنىلەردە ئوينىلىپ ئەلگە تونۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ يەنە ئەھمەت زىيائىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا يازغان مۇھىم ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىنكى سىياسىي رېجىم تۈپەيلى قايتا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى ۋە قوليازمىلىرى قايتا توپلىنىپ يېڭىۋاشتىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.

ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئەھمەت زىيائىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولغان 1980-يىللاردا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» نى نەشرگە تەييارلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەرھۇم ئەدىب ئەھمەت زىيائىنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەھمەت زىيائىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدە ھەم ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئاممىباب ئۇسلۇبى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەرھۇم ئەدىبنى ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدا «كۆۋرۈك» بولغان ئەدىب دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ «مەرھۇم ئەھمەت زىيائى بىر شائىر، بىر يازغۇچى، بىر ئاخبارات خادىمى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ھەم ئۆتكۈر تىلچىدۇر» دەپ قارايدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت