فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-03-23
Share
fransiye-nowruz-1000.jpg پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىدا ئۇيغۇر جامائىتى
Photo: RFA

21-مارت فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى پارىژ  13-رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 12 دە باشلىنىپ كەچ سائەت 6 دە ئاخىرىلاشتى.

بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئالىي كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاندرې گاتتولىنمۇ قاتناشقان. پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئاندرې گاتتولىنغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلغان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەتتىن كېيىن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت