گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مىيۇنخېندا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.03.26
germaniye-noruz-2018-1 گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2018-يىللىق نورۇزنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
RFA/Ekrem

25-مارت كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق  نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى، «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە ميۇنخېن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. ميۇنخېندىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

نورۇز پائالىيىتى ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى» نى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، «ئىستىقلال مارشى» غا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە مىللىي ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيگەن مىيۇنخېندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا نورۇزلۇق تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىپلەيدىغان نۇتۇق ۋە پىكىرلەر بايان قىلىندى. گوللاندىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان سازەندىلەرنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ گۈزەل ئۇسسۇللىرى ۋە لەتىپىلىرى دىللارنى سۆيۈندۈرسە، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى مىللىي روھنى ئۇرغۇتتى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ خۇسۇستا نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنىڭ نوقۇل بىر بايراملا ئەمەس، بەلكى مىللىي روھنى تەربىيىلەيدىغان دەرس بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىگە «گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ سازەندىلىرى، ميۇنخېندىكى خالىسە خانىمنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇسسۇلچىلار ۋە مىيۇنخېندىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەخسۇس تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇلار ئورۇندىغان نومۇرلاردا ۋەتەن مۇھەببىتى، مىللىي تۇيغۇ، كۆك بايراققا بولغان سۆيگۈ ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرەتلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى سورۇندىكى يوقىرى مىللىي كەيپىياتتىن ھوزۇر ھېس قىلىشقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى. نورۇز ئۆتكۈزۈلگەن زالمۇ كۆك بايراقلار ۋە ئۇيغۇر مىللىي بېزەكلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.

مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نورۇز پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق نورۇزنىڭ مەزمۇنىغا بولغان مەمنۇنىيەتلىرىنى ئىزھار قىلدى. ئالايىتەن گېرمانىيەنىڭ ۋۇرتزبۇرگ شەھرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ بۇ پائالىيەتتە سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە بولغان نورۇزلۇق تىلەكلىرىنى ئىژار قىلىپ ئۆتتى.

4 سائەت داۋام قىلغان نورۇز پائالىيىتىنىڭ خاتىمىسىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ يەنە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزىلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا پائال ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.