گېرمان شەرقشۇناسلىرىدىن ئالبېرت فون لېكوك قاتارلىقلار 1914-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تۆتىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ بېرلىنغا قايتقاندىن كېيىن، بەشىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەنىڭ پىلانىنى تۈزىدۇ.
ئەپسۇسكى، 1914-يىلى پارتلىغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك بۇ پىلان ئەمەلىيلەشمەيدۇ. ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان گېرمانىيەدە شەرق ئېكسپېدىتسىيەسى ئۈچۈن داۋاملىق ئىقتىساد ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ.
گېرمانىيە گۆتتىڭەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىز جەريانىدا گېرمان شەرقشۇناسلىقىنىڭ تۆت قېتىم ئىشقا ئاشقان ۋە بىر قېتىم ئىشقا ئاشمىغان ئۇيغۇر ئېلى ئېكسپېدىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، گېرمانىيەدە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان مۇزېيلار ھەمدە تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مەلۇمكى، گېرمان شەرقشۇناسلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى داۋامىدا گېرمانىيەدە زور كۆلەمدىكى مەركىزىي ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلانغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېرلىندا يۈز بەرگەن بومباردىماندا ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسمى ساق قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تۈركولوگىيە، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. بېرلىندا تۇرپانشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بارلىققا كەلگەن. بېرلىندىكى شەرق سەنئىتى مۇزېيىنىڭ ھىندىستان بۆلۈمىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كېلىنگەن يادىكارلىقلارغا مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان. بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئىلمىي ئىزدىنىش جەريانىدا گېرمانىيەدە ۋىلھېلم باڭ، مۈللەر، ئاننېمارىيە فون گابائىن، رۆبورن، پېتېر لائۇت ۋە پېتېر زىئەمە قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر تۈركولوگلار مەيدانغا كەلگەن.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.