غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (8B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.15
husen-hesen-wapat-jinaza.png شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس-تالماس پىداكار يېتەكچىلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ مېيىتى ئۇزىتىلماقتا. 2014-يىلى 31-ئۆكتەبىر، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

بىرىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم ئۇزىتىش ۋە ئاخىرەتلىك مۇراسىملار

تۇغۇم ۋە نىكاھ ئادەتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك مۇراسىملارمۇ ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى مەڭگۈلۈك ئادەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھاياتىدا ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك مۇراسىملار قانداق داۋام قىلىۋاتىدۇ؟ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى بۇ چوڭ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى؟

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇ ئۆز بايانلىرىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىقى سىستېمىلاشتۇرغان مېيىت ئۇزىتىش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆلۈم بولغاندا ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ مېيىت نامىزى بىلەن ئۆلۈم پەتىسىگە كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار مۇھاجىر بولۇپ ياشىغىلى ئەمدىلا 20 يىل بولغان گوللاندىيەدە ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر دەپنە مۇراسىمى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە جامائەتلىشىشنىڭ، مىللىي ئۇيۇشقاقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى مەلۇم.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى گوللاندىيەدە قازا قىلغان بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە بايان بەردى.

ئۇ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۆلۈمنىڭ بۇ يەردىكى جامائەتنى قانداق ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئەلنىڭ ھەر جايلىرىغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ، مەرھۇمەنىڭ مېيىتىنى مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنە بويىچە ئۇزاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

رابىيە ئىلكتۈرك خانىم قەيسەرىدىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن.

ئۇ قەيسەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ۋەتەن پەدىسى بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەيدۇ.

باش شتابى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئاياللار مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان رابىيە ئىلكتۈرك خانىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئاددىيلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىدۇ.

ياۋروپادا ئەڭ بالدۇر شەكىللەنگەن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھازىرغا قەدەر ئونغا يېقىن ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش مۇراسىمى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەم مىللىي ھەم دىنىي ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.