ئۇيغۇر ۋەكىللەر سىلوۋاكىيەدە ھون مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014-06-24
Share

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋېنگىرىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئىككى يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىغا (يايلاق مەشرىپى)گە ئوخشاش خەلقئارالىق مىللىي ئەنئەنىۋى، مەدەنىي پائالىيەتلەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ ئۇدا بىر قانچە نۆۋەت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كەلدى. ۋېنگىرىيە ھەمدە سىلوۋاكىيەدىكى ھون ۋە ماجار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى، ئۆتكەن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى سىلوۋاكىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئىككى كۈنلۈك مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە مەسئۇل بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە، ۋە ئاۋستىرىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىللىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ تارىخىي قېرىنداشلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتى ۋە تائاملىرىنى تەقدىم ئەتكەنلىكىنى ۋە سىلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە ھەمدە خەلقىگە گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 3 ئۇيغۇر قېرىندىشىنى قوينىغا ئالغانلىقىغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنگىرىيە ۋە سىلوۋاكىيەدىكى ئاممىۋى ۋە مەدەنىي تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان بۇ مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتى سىلوۋاكىيەدە 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە، ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيەدىن بولۇپ 20 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتنىشىپ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تائام مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان. ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە يېتەكچى بولۇپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككى يېرىم كۈنلۈك بۇ پائالىيەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك، ھاياجانلىق ئۆتكەن بولۇپ، بەيگە، چامباش، سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كارامىتىنى كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بايرامغا كەلگەن قېرىنداش مىللەتلەرگە تەقدىم ئەتكەن مەززىلىك تائاملىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھون مىللىي مەدەنىيىتىگە ئاتالغان مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتكە 7 قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

ئۈمىد ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىلىرى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن سىلوۋاكىيەدىكى بۇ پائالىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەت كۈن تەرتىپلىرىدە يەنە بىر مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە بۇ ھون مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت مەزمۇنى تارىخىي يىلتىزى ھونلارغا تۇتىشىدىغان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت سەنئىتىنى نامايان قىلىش بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ئاممىۋى پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى يەنە، پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ھون مەدەنىيەت بايرىمى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان مۇھاكىمە ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ھەمدە خەلقلەرنىڭ بولۇپمۇ ھون، ماجارلارغا ئوخشاش يىلتىزى بىر بولغان خەلقلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى ھەم ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى شۇنداقلا يەنە سىلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ھەمدە خەلقىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن 3 نەپەر ئۇيغۇرغا قۇچاق ئاچقانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەشەككۈرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت