ئالماتادا ئەدەبىياتچىلار «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركچە نەشرىنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.03.31
idiqut-Mejlistin-korunush-Almata.jpg «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركچە نەشرىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 31-مارت، ئالماتا.
RFA/Oyghan

31-مارتتا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر مەجلىستە دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى غالىم ژايلىباي يېقىندا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تۈرك تىلىدا يورۇق كۆرگەن «ئىدىقۇت» رومانىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە چوڭ مۇراسىمنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، كىتابنى مەجلىس قاتناشقۇچىلىرىغا تونۇشتۇردى.

غالىم ژايلىباي بۇ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى ئۈچۈن، قازاقىستانلىقلارنىڭ مەنىۋى بايلىقى ھەم بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە سۆز ئالغان «قازاقىستان سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى» نىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ ئابرۇي ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى باشقا تىللاردا ئالەمگە تونۇشتۇرۇشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ پۈتكۈل قھاشىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى.

ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بولۇپمۇ قېرىنداش قازاق خەلقىگە تونۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ياش قازاق يازغۇچىسى دائۇلېتخان بايتۇرسىنوفنىڭ ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

دىلمۇرات قۇزىيېف يېقىندا ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە ئەزالىرىنىڭ بىر ئېغىزدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىسىنى دائۇلېتخان بايتۇرسىنوفقا تاپشۇردى. ئۆز نۆۋىتىدە دائۇلېتخان بايتۇرسىنوف ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىلى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، ئۆز ئەمگىكىنى تۈركىي خەلقلەر دوستلۇقىنى، ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە بېغىشلىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ شۇ يولدا يەنىمۇ كۆپ ئەمگەك قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ۋە تەرجىمان دەئۇلېتبېك بايتۇرسىنوف «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنىشىغا قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمېبايېفنىڭ، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى دۈيسېن قاسېيىنوفنىڭ، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ۋەكىلى مالىك ئوتاربايېفنىڭ چوڭ تەسىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان دۆلىتىنىڭ چەتئەلدە تەرغىب قىلىنىشى، چەتئەلدە تارقىلىشىغا قوشۇلغان چوڭ بىر تۆھپە دەپ ھېسابلايمىز. بۇ ھەممىمىز خۇشال بولىدىغان يېڭىلىق. ‹ئىدىقۇت› رومانىنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى ئەدەبىياتىنىڭ باشقا خەلقلەرگە كەڭ تارىلىشىغا مۇبارەك بولسۇن دېمەكچىمەن. بۈگۈن ماڭىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ‹ئىلھام› مۇكاپاتى تەقدىم قىلىندى. بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى 20 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماڭا قىلغان بىر ھۆرمىتى دەپ ھېسابلايمەن. بۇ ئىككى خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇكاپات. مېنىڭ ئازراقلا ئەمگىكىمگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىم قىلىۋاتقان مۇكاپاتى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمگە ئىلھام بېرىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. تۇغقانلىرىمىزغا، ئۇيغۇر خەلقىگە رەھمەت!»

مەجلىستە سۆزگە چىققان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ كەسپىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى باشلىقى گۈلنىسەم سادىقوۋا تىياتىر مۇدىرى رۇسلان توختاخۇنوف نامىدىن ئەخمەتجان ھاشىرىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ مىللىي سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان زور تۆھپىسى ئۈچۈن تىياتىرنىڭ پەخرىي يارلىقىنى تاپشۇردى. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى قالى سۇلتان، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف، ئۇيغۇر تىياتىرى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئالىمە ۋە شائىرە پاتىگۈل مەقسەتوۋا، تىياتىر رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف، بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف، دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوف، شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوفلار ئەخمەتجان ھاشىرى ۋە دەئۇلېتبېك بايتۇرسىنوفلارنى تەبرىكلىدى. ئۇلار شۇنداقلا قازاق ۋە ئۇيغۇر دوستلۇقى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى، شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف بۇ يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرى ھاياتىدا كۆپلىگەن خۇشاللىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقىمۇ تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىشتا ۋە نەشر قىلىشتا ئاكتىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان ئىجادىي فېستىۋاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇتۇقلار قازىنىپ، بۇنىڭدىن پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ چوڭ خۇشاللىققا چۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇلارنىڭ بىرى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كارۋان بېشى ئەخمەتجان ئاكا ھاشىروفنىڭ ‹ئىدىقۇت› تارىخىي رومانىنىڭ تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشىنى، ئەلۋەتتە، چوڭ خۇشاللىق، چوڭ مەرىكە، دەپ قاراش كېرەك. تۈرك خەلقى بىلەن بىزنىڭ تىلىمىز، دىلىمىز، دىنىمىز بىللە بولغاچقا، ئالاھىدە سەمىمىيەت بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى چوڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىۋاتىدۇ. يازغۇچى ئەسىرىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىغان تەرجىمان.

‹ئىدىقۇت› قا ئوخشاش چوڭ روماننى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان تەرجىماننىڭ بۇ يەردە چوڭ ئەمگىكى ياتىدۇ. شەخسەن يازغۇچى رېتىدە، ئۆزۈم ھەم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نامىدىن تەرجىمانغا تەشەككۈر ئىزھار قىلماقچىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى، تۈركىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ھەر قاچان مۇشۇنداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، يازغۇچىلارغا بولغان ھامىيلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى قازاقىستان ئەلچىلىكىگە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نامىدىن تەشەككۈر ئىزھار قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.